مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ پاكىستان زۇڭلىسى ئىمران خان بىلەن تېلېفونلاشتى

2021.05.21 12:29 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21 - ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 20- ماي چۈشتىن بۇرۇن جۇڭنەنخەيدە، تەكلىپكە بىنائەن پاكىستان زۇڭلىسى ئىمران خان بىلەن تېلېفونلاشتى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو - پاكىستان دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. ئەتە ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىق خاتىرە كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ ئالۋى ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن پاكىستاننىڭ ھاۋا چەكلىمىسگە ئۇچرىمايدىغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق - ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت بۇ قىممەتلىك بايلىقنى ياخشى قوغدىشى، ياخشى راۋاجلاندۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقى توغرىسىدا نۇقتىلىق پىكىر ئالماشتۇردى. لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نۆۋەتتە يۇقۇم يەنىلا يەر شارىدا يامراۋاتىدۇ، ۋىرۇستىن ئىبارەت بۇ ئىنسانلارنىڭ ئورتاق دۈشمىنى ئالدىدا، خەلقئارا جەمئىيەت قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ پاكىستان تەرەپنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە قوللاشنى خالايدۇ.

  ئىمران خان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پاكىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن يۇقىرى قاتلاملىق ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، ھازىرقى ۋەزىيەتتە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئالاھىدە ئۈمىد قىلىدۇ. پاكىستان جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدۇ.ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ