مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى جەنشۇ ماداغاسقار مىللىي پارلامېنتىنىڭ باشلىقى كىرىستىنا بىلەن سۆھبەتلەشتى

2021.05.20 13:07 مەنبە: خەلق تورى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ 19- ماي بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ماداغاسقار خەلق پارلامېنتىنىڭ باشلىقى كىرىستىنا بىلەن سىن شەكلىدە سۆھبەتلەشتى.

  لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ ۋە زۇڭتۇڭ راجولىنانىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو-ماداغاسقار مۇناسىۋىتى ساغلام ۋە مۇقىم تەرەققىي قىلدى، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى سىجىل چوڭقۇرلاشتى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو-ماداغاسقار مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ماداغاسقار تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىر بەلباغ ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇپ، ماداغاسقارنى گۈللەندۈرۈش تەشەببۇسى بىلەن ئۈنۈملۈك ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق - ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: كېلەر يىلى ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى كۈتۈۋالىدۇ. جۇڭگو بۇنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، جۇڭگو-ماداغاسقار مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇشنى خالايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، بىرىنچى، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا قەتئىي قوللاش كېرەك. يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، ھەرقايسى قاتلاملار ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم ۋە زور مەسىلىلەردە ئۆزئارا قوللاش كېرەك؛ كۆپ تەرەپلىك ئاپپارات ۋە سورۇنلاردا ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىق ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى ئورتاق قوغداش كېرەك. ئىككىنچى، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىش كېرەك. ئۆز ئەۋزەللىكى ۋە تەرەققىيات ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، ئېنېرگىيە، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېرەك. ئۈچىنچى، سەھىيە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو-ئافرىقا ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى داۋاملىق پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ماداغاسقار تەرەپ بىلەن جۇڭگو-ئافرىقا سەھىيە-ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا ئورتاق تۈرتكە بولىدۇ. تۆتىنچى، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى مۇستەھكەملەش كېرەك. يېڭى مەدەنىيەت ھەمكارلىق كېلىشىمى ۋە ئۆزئارا مەدەنىيەت مەركىزى قۇرۇش سودا كېلىشىمى ئىمزالاشنى تېزلىتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك دوستلۇقىنىڭ ئەلرايى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاش كېرەك.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالاقىسى جۇڭگو-ماداغاسقار ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق - ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. شۇنىڭ ئۈچۈن، جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ماداغاسقار خەلق پارلامېنتى بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلار ۋە دوستلۇق گۇرۇپپىلىرىنىڭ نىشانلىق ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، نامراتلىقنى تۈگىتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ؛ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق قانۇن ھۆججەتلىرىنى ۋاقتىدا تەستىقلاپ، تۈزىتىپ ياكى ئېلان قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقلارغا ياردەم بېرىش كېرەك؛ كۆپ تەرەپلىك پارلامېنت سورۇنلىرىدىكى ئالاقە، ماسلىشىش ۋە ئۆزئارا قوللاشنى كۈچەيتىپ، ئورتاق مەيدان ۋە مەنپەئەتنى قوغداش كېرەك.

  كىرىستىنا مۇنداق دېدى: ماداغاسقاربىلەن جۇڭگو پارلاق ۋە ئۆزگىچە مەدەنىيەتكە ئىگە، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان قېرىنداشلارچە دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ئۇزاققىچە ساقلاپ كەلدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئورتاق يېتەكچىلىك قىلدى ۋە تۈرتكە بولدى. مەن جۇڭگونىڭ ماداغاسقارنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى مۇھىم قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. ماداغاسقار مىللىي پارلامېنتى ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دىڭ جۇڭلى سۆھبەتكە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ