مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەن جېڭ جۇڭگو مۇھىت ئىلمى تەتقىقات يۇرتىدا سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئىزچىل ئالغا سىلجىتىش كېرەك

2021.05.19 19:27 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ 18-ماي جۇڭگو مۇھىت ئىلمىي تەتقىقات يۇرتىدا سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشقا ئالاقىدار نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ياشايدىغان زامانىۋىلىشىشنى بەرپا قىلىپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش − يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ تېگىشلىك مەزمۇنى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، ئېلىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىيات دىيالېكتىكىلىق بىرلىككە ئىگە، بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، بايلىق تېجەش ۋە مۇھىت ئاسراشتىن ئىبارەت ئاساسىي دۆلەت سىياسىتىدە، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى دۇچ كەلگەن نۇرغۇن زىددىيەت ۋە خىرىسلارنى تولۇق تونۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئىزچىل ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىگە ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىپ، شەھەر-يېزىلاردىكى قارا، سېسىق سۇنى تۈزەشنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، چوڭ دەريا-ئېقىنلارنىڭ سۇ سۈپىتىنى كۈچەپ ياخشىلاش كېرەك. چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىنىڭ سۇ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ياخشى ئىشلەپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، سۇ ئېكولوگىيەسىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈشنىڭ ئىلمىي كۆرسەتكۈچ سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ئورنىتىپ، ئۈنۈملۈك رىغبەتلەندۈرۈش-چەكلەش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈپ، چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنى ئورتاق تۇتۇش، كەڭ قوغداشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك. خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، بىر گەۋدىلەشكەن قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاشنىڭ كېيىنكى قۇرۇلۇش يىرىك پىلانى قۇرۇلۇشىدا ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش تەلىپىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. تەدبىردە يېڭىلىق يارىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ دائىرىلىك بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاش كېرەك.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشنى كۈچەيتىشتە مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك. بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي ۋە ئەتراپتىكى رايونلار، فېنخې، ۋېيخې تۈزلەڭلىكى قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلارنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تۈزەش جېڭىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش كېرەك. نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش خىزمىتىنى داۋاملىق زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سەرپىياتلىق، يۇقىرى بۇلغىمىلىق تۈرلەرنى قاتتىق تىزگىنلەپ، بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش كېرەك. ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى گەۋدىلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئۇششاق دانچىلار بىلەن ئوزوننى ماسلاشتۇرۇپ كونترول قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاتموسفېرا سۈپىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش ۋە كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا پوزىتسىيەدە قەتئىي بولۇش، ۋاقىت جەدۋىلى، يول خەرىتىسى، قۇرۇلۇش چېرتيوژى ئېنىق بولۇش كېرەك. بۇلغىمىنى ئازايتىش، كاربوننى ئازايتىشتا ئۈنۈمنى ماس ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

  يىغىندىن بۇرۇن، خەن جېڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئاتموسفېرا فوتوخىمىيەلىك ئىس-تۈتەك ساندۇقى تەجرىبىخانىسى، مۇھىت ئۆلچىمى ۋە خەۋپ-خەتىرىنى باھالاش دۆلەتلىك نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسىغا كېلىپ، ئاتموسفېرانىڭ ئېغىر بۇلغىنىش سەۋەبى ۋە تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش پەن تەتقىقات نەتىجىلىرى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، تەجرىبىخانىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، سۇ بۇلغىنىشىنى تىزگىنلەش ۋە تۈزەش پەن-تېخنىكىسىنىڭ مۇھىم، زور مەخسۇس نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى.

  ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى ئالاقىدار ئەھۋاللارنى دوكلات قىلدى، تۆت مۇتەخەسسىس ۋەكىللىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىرلەشمە تەتقىقاتى، ئېكولوگىيەلىك مەھسۇلاتلارنىڭ قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مېخانىزمى، كاربون قويۇپ بېرىشنى يۇقىرى پەللىگە يەتكۈزۈش، كاربوننىڭ نېيتراللىشىشى، يادرو ۋە رادىياتسىيە بىخەتەرلىكى توغرىسىدا سۆز قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ