مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

كۆپ مىقدارلىق تاۋارلار بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئايلىنىشىنى ساقلاش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇش تەدبىرلىرى بېكىتىلىپ، كارخانىلارغا تېخىمۇ ياخشى قولايلىق يارىتىپ بېرىلدى؛ «چوشقا سويۇشنى باشقۇرۇش نىزامى (تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى)» ماقۇللاندى

2021.05.20 19:36 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 19-ماي گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا كۆپ مىقدارلىق تاۋارلار بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئايلىنىشىنى ساقلاش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇش تەدبىرلىرى بېكىتىلىپ، كارخانىلارغا تېخىمۇ ياخشى قولايلىق يارىتىپ بېرىلدى؛ «چوشقا سويۇشنى باشقۇرۇش نىزامى (تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى)» ماقۇللاندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بۇ يىلدىن بۇيان، ئاساسلىقى خەلقئارا يەتكۈزۈش قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، قىسمەن كۆپ مىقدارلىق تاۋارلارنىڭ باھاسى سىجىل ئۆستى، بەزى تۈرلەرنىڭ باھاسىدا ئۇدا يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. كۆپ مىقدارلىق تاۋارلار باھاسىنىڭ ئۆرلىشى ئېلىپ كەلگەن پايدىسىز تەسىرگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دەل جايىدا تەڭشەش-تىزگىنلەش تەلىپى بويىچە، بازارنىڭ ئۆزگىرىشىگە قارىتا مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، كۆپ مىقدارلىق تاۋارلار بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، باھانىڭ نامۇۋاپىق ئۆسۈشىنى توسۇپ، ئاھالىلەر ئىستېمال باھاسىغا تەسىر يەتكۈزۈشنىڭ تىرىشىپ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  بىرىنچىدىن، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنى قوش يۆنىلىشلىك تەڭشەشنى كۈچەيتىش كېرەك. قىسمەن پولات-تۆمۈر مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسپورت تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرۈش، چويۇن ۋە كېرەكسىز پولات قاتارلىقلارغا قارىتا نۆل ئىمپورت ۋاقىتلىق باج نىسبىتىنى يولغا قويۇش، قىسمەن پولات-تۆمۈر مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسپورت بېجىنى قايتۇرۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قاتارلىق سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىچكى بازار تەمىناتىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. قۇرۇلمىنى كۈچەپ تەڭشەپ، يۇقىرى سەرپىياتلىق تۈرلەرنى تىزگىنلەش لازىم. ئېلىمىزنىڭ كۆمۈر بايلىقى مول بولۇش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، نۇقتىلىق كۆمۈرچىلىك كارخانىلىرىنىڭ بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇپ، تەمىنلەشنى ئاشۇرۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، شامال ئېلېكتىر، فوتوۋولت، سۇ ئېلېكتىر، يادرو ئېلېكتىر قاتارلىقلارغا كۈچ چىقىرىپ، يازلىق يۇقىرى پەللىنى كۈتۈۋېلىش ئېنېرگىيە كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، كۆپ مىقدارلىق تاۋارلار ئىمپورت-ئېكسپورتى ۋە زاپىسىنى تەڭشەشنى كۈچەيتىپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى قولايلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  ئىككىنچىدىن، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. ساھە جەمئىيەتلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ساھە تەلەپچانلىقىنى كۈچەيتىش لازىم. زاكاز-نەق مال بازىرىنى بىرلىشىپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مۇۋاپىق پەيتتە قاراتمىلىقى بولغان تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، بىنورمال سودا ۋە يامان نىيەتتە كۆپتۈرۈش قىلمىشلىرىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش كېرەك. مونوپول كېلىشىم ھاسىل قىلىش، يولغا قويۇش، ساختا ئۇچۇر تارقىتىش، باھانى ئۆستۈرۈۋېلىش، بولۇپمۇ بېسىمدارلىق قىلىش قاتارلىق قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ھەمدە ئاشكارىلاش كېرەك.

  ئۈچىنچى، پۇل سىياسىتىنىڭ مۇقىملىقى ۋە خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ مۇۋاپىق، تەڭپۇڭ سەۋىيەدىكى ئاساسىي مۇقىملىقىنى ساقلاپ، بازار كۆزلىمىسىنى مۇۋاپىق يېتەكلەش كېرەك. بازار سۇبيېكتى، بولۇپمۇ كىچىك، مىكرو كارخانىلار، يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ تەننەرخ ئۆرلەش قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىيىنچىلىقىغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىش كېرەك. كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەردىن ئېلىنىدىغان باجنى كېمەيتىش-كەچۈرۈم قىلىش، ئىلغار ياسىمىچىلىق كارخانىلىرىدىن قوشۇلما قىممەت بېجىنىڭ كۆپەيمە مىقدارىنى ئايمۇئاي تولۇق قايتۇرۇپ بېرىش، باج سوممىسىغا توغرىلاپ تۇتۇپ قېلىش سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باج ئېتىبار سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان رەسمىيەتلەرنى ئىخچاملاش كېرەك. بىۋاسىتە يەتكۈزۈلىدىغان پۇل سىياسىتى قورالىنى ياخشى يولغا قويۇپ، تەكرار قەرز، تەكرار دىسكونت ئارقىلىق ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلىسىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىكى، ھەققىنى تۆۋەنلىتىش، مۇكاپات-تولۇقلىما بېرىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بانكىلارنى ئىناۋەتلىك قەرزنى كېڭەيتىشكە يېتەكلەش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇش − «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت-سودا مۇھىتى بەرپا قىلىشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، كارخانىلارغا تېخىمۇ ياخشى قولايلىق يارىتىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈشكە پايدىلىق. بىرىنچى، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىسپات ماتېرىياللىرىنى ئىخچاملاپ، يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن ئىسپات ماتېرىياللار تىزىملىكى تۈزۈمى، بىر قېتىمدىلا ئۇقتۇرۇپ قويۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش كېرەك. ئومۇمەن شەخسىي كۈچكە ئىگە گۇۋاھنامە ئىسپاتلىيالايدىغان ياكى تارماقلارئارا ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ئارقىلىق تەكشۈرگىلى بولىدىغان ئىسپات ماتېرىياللىرىنى دەۋالاشقۇچىلاردىن تەكرار تەلەپ قىلىشقا بولمايدۇ. كارخانا ۋە ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئىشلىتىش قېتىم سانى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىسپات ئىشلىرى ئۈستىدە ئۇقتۇرۇپ قويۇش، ۋەدە بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ھەققىدە ئىزدىنىش لازىم. ئىككىنچىدىن، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئارقىلىق خەلققە قولايلىق يارىتىش مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. تېخىمۇ كۆپ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىشلىرىنى «ئۆلكە بويىچە بىر تۇتاش بېجىرىش»نى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. ئوقۇش تارىخى، ئىلمىي ئۇنۋان گۇۋاھنامىسى، پىراۋا قاتارلىق يۇقىرى چاستوتىلىق ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى مۇلازىمىتى ئىشلىرىنى پۈتۈن جەريانلىق توردا بېجىرىش، «بىرلا توردا بېجىرىش»نى يولغا قويۇش لازىم. ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى «يېشىل يولى» ئېچىپ بېرىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى كېڭەيتىش، مەبلەغ ئوبوروتى قاتارلىق ئىشلاردا «بىرگە بىر» مۇلازىمەت قىلىش لازىم. ئۈچىنچى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدا بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەق ئېلىش ۋە «بوسۇغىسى داۋان بولۇش، ئىشنى بېجىرىش تەس بولۇش، پوزىتسىيەسى ناچار بولۇش» قاتارلىق مەسىلىلەرنى تۈزەپ، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدا ساختىلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش قىلمىشلىرىنى جازالاش كېرەك.

  يىغىندا «چوشقا سويۇشنى باشقۇرۇش نىزامى (تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى)» ماقۇللىنىپ، چوشقا مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش، ئاممىنىڭ تەن ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىلگىرى سۈرۈلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ