مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەن جېڭ ئافرىقا ئىقتىسادىي گەۋدىلىرىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

2021.05.20 19:35 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ 10-ئاينىڭ 18-كۈنى كەچتە بېيجىڭدا سىن شەكلىدە ئافرىقا ئىقتىسادىي گەۋدىلىرىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو بىلەن ئافرىقا جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولىدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى. پۈتۈن دۇنيادا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، جۇڭگو تەرەپ ئافرىقىغا پائال ياردەم بېرىپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى، دەپ كۆرسەتتى.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يۇقۇم ئالدىدا، ئافرىقىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە داۋاملاشتۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم. بۇنىڭ ئۈچۈن، جۇڭگو تۆت تۈرلۈك تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچى، لەۋزىدە تۇرۇپ، ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئافرىقىنىڭ قەرز بېسىمىنى يېنىكلىتىشكە ياردەم بېرىش. جۇڭگو 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ قەرز كېچىكتۈرۈش تەشەببۇسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە «ئورتاق ھەرىكەت قىلىش، ئادىل ئۈستىگە ئېلىش» پىرىنسىپى بويىچە ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ قەرز يۈكىنى يېنىكلىتىشكە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر، كۆپ تەرەپلىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ۋە سودا ھەقدارلىرىنىڭ ھەقىقىي ھەرىكەت قوللىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو ئالاھىدە پۇل ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە باي دۆلەتلەرنىڭ ئالاھىدە پۇل ئېلىش ھوقۇقىنى ئافرىقىدىكى ئېھتىياجى بار تۆۋەن كىرىملىك دۆلەتلەرگە ئۆتۈنۈپ بېرىشىنى قوللايدۇ. ئىككىنچى، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئافرىقا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش. جۇڭگو تەرەپ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، خۇسۇسىي تارماقلار قاتارلىقلارنىڭ ئافرىقىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتىغا بولغان مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى كېڭەيتىپ، ئۇل ئەسلىھە ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئۆز ئالدىغا ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىشىنى قوللايدۇ. ئۈچىنچى، يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ئافرىقىنىڭ ئېشىش تىپىنى ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇش. جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن «ئافرىقىنىڭ يېشىل سەددىچىن سېپىلى» پىلانى توغرىسىدا سۆزلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، پايدىلىق تەجرىبىلەردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى خالايدۇ. تۆتىنچى، جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئافرىقىغا ۋاكسىنىنى ئادىل تەقسىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش. جۇڭگو ئافرىقىغا داۋاملىق ۋاكسىنا ياردىمى بېرىدۇ ھەمدە ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا سودا ئارقىلىق ۋاكسىنا سېتىۋېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ، بولۇپمۇ تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ تېخىمۇ زور مەدەت ۋە ياردەم بېرىپ، ۋاكسىنىنىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىدە ئومۇملىشىشى ۋە سېتىۋالالايدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  ئافرىقا ئىقتىسادىي گەۋدىلىرىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى فىرانسىيە تەشەببۇس قىلغان، يىغىن تور ۋە تور سىرتىنى بىرلەشتۈرۈش شەكلىدە ئۆتكۈزۈلۈپ، «ئافرىقا ئىقتىسادىي گەۋدىلىرىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش باشلىقلار يىغىنى خىتابنامىسى»نى ماقۇللىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ