5-ئاينىڭ 28-كۈنى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى 600 كۈن داۋاملاشتى، غەززەنىڭ شىمالىي قىسمى، ئوتتۇرا قىسمى، جەنۇبىي قىسمى كەينى-كەينىدىن ئۇرۇش ئوتىنىڭ دەپسەندە قىلىشىغا ئۇچراپ، 54 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى. ئۆتكەن ئىككى ھەپتىدە، ئىسرائىلىيە غەززەگە قارىتىلغان ھەربىي ھەرىكەتنىڭ دەرىجىسىنى داۋاملىق ئۆستۈردى، نۇرغۇن نوپۇس زىچ رايونلار خانىۋەيران بولۇپ، مىڭدىن ئارتۇق خەلق ئاممىسىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. خەلقئارا قانۇننىڭ قىزىل سىزىقى ۋە ئىنسانىيەت ئەخلاقىنىڭ تۆۋەن چېكى ئارقا-ئارقىدىن خىلاپلىق قىلىنغان ۋە دەپسەندە قىلىنغان ئەھۋالدا، پۈتۈن دۇنيا ئىسرائىلىيەنى بارلىق ھەربىي ھەرىكەتلەرنى دەرھال توختىتىپ، غەززەدىكى قامالنى بىكار قىلىپ، ئىنسانپەرۋەرلىك ماددىي ئەشيالار ئىجازىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپپاراتلىرىنىڭ ياردەم بېرىشنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللاشقا دەۋەت قىلماقتا.