ۋاڭ خۇنىڭ 2-نۆۋەتلىك دېڭىز بوغۇزى ئىككى قىرغاق جۇڭخۇا مەدەنىيىتى باشقىلار يىغىنىغا قاتناشقان تەيۋەنلىك ئەزىز مېھمانلار بىلەن كۆرۈشتى

2025.05.28 13:58 مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ 5 – ئاينىڭ 27 – كۈنى بېيجىڭدا جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ سابىق رەئىسى، جۇڭخۇا چىڭيەن تىنچلىق مائارىپ فوندى جەمئىيىتىنىڭ باش مۇدىرى خۇڭ شيۇجۇ قاتارلىق 2 - نۆۋەتلىك دېڭىز بوغۇزى ئىككى قىرغاق جۇڭخۇا مەدەنىيىتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان تەيۋەنلىك ئەزىز مېھمانلار بىلەن كۆرۈشتى. ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەنىۋى جان تومۇرى، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانى دەپ تەكىتلىدى. جۇڭخۇا مىللىتى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ھەر بىر جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ پەخرى، ئورتاق قان تومۇر، ئورتاق مەدەنىيەت، ئورتاق تارىخ ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارغا مىللەتكە بولغان ئورتاق مەسئۇلىيەتنى يۈكلىگەن. دېڭىز بوغۇزى ئىككى قىرغىقى جۇڭخۇا مەدەنىيىتى باشلىقلار يىغىنىنى ئۆتكۈزۈش ئىككى قىرغاقنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئورتاق نۇرلاندۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىخىي يېڭى شانلىق سەھىپىسىنى ئورتاق يېزىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئىككى قىرغاقتىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ يىلتىزى ۋە جېنى، ۋەتەنپەرۋەرلىك جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ جېنى. بىز مەدەنىيەت ئىشەنچىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ روھىغا ئورتاق ۋارىسلىق قىلىپ، تارىخىي مۇھىم ۋەزىپىنى ئورتاق ئۈستىمىزگە ئېلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. بىز جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئالاقىسىگە ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. بىز ۋەتەنپەرۋەرلىكنى يادرو قىلغان ئۇلۇغ مىللەت روھنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق ماكانىنى قوغداپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك بەخت ـ سائادىتىنى ئورتاق يارىتىشىمىز كېرەك.

ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقى، شۇنداقلا تەيۋەن قايتۇرۇۋېلىنغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى. بىز بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە «92ـ يىل ئورتاق قارىشى»دا ئورتاق چىڭ تۇرۇپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىكىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك. بىز جۇڭخۇا مەدەنىيىتى مەيدانىدا بىرلىكتە چىڭ تۇرۇپ، تاشقى خىرىسقا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، مىللەتنىڭ تەقدىرىنى جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۆز قولىدا چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك.

خۇڭ شيۇجۇ قاتارلىق تەيۋەنلىك ئەزىز مېھمانلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگولۇق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە تولۇق ئىشىنىمىز، ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىمىز، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»گە قارشى تۇرۇپ، ئىككى قىرغاق مەدەنىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

يىن لى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ