شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى 5 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋيېتنامنىڭ سابىق دۆلەت رەئىسى چېن دېلياڭنىڭ ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى سۇ لىن، ۋيېتنامنىڭ دۆلەت رەئىسى لياڭ چياڭغا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈردى، چېن دېلياڭنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يولداش چېن دېلياڭ ۋيېتنام پارتىيەسى ۋە دۆلىتىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبىرى بولۇپ، ۋيېتنامنىڭ دۆلەت تەرەققىياتى ۋە ئىسلاھ قىلىش، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. جۇڭگو خەلقىنىڭ قەدىناس دوستى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يولداش چېن دېلياڭ جۇڭگو بىلەن ۋيېتنامدىكى ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. ئىشىنىمەنكى، يولداش سۇ لىن باشچىلىقىدىكى ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ۋيېتنام پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى جەزمەن قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ.