لى چياڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى − جۇڭگو − دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى

2025.05.28 13:58 مەنبە: خەلق تورى

شۇ جاي ۋاقتى 5 – ئاينىڭ 27 – كۈنى چۈشتىن كېيىن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ كۇئالا لۇمپۇردا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى − جۇڭگو − دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى.

شىنخۇئا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ بىن فوتوسى

شۇ جاي ۋاقتى 5 – ئاينىڭ 27 – كۈنى چۈشتىن كېيىن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ كۇئالا لۇمپۇردا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى − جۇڭگو − دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى. يىغىندا «ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىش، گۈللىنىش» ئاساسىي تېما قىلىندى. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى مالايسىيانىڭ زۇڭلىسى ئەنۋەر، دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى كۇۋەيتنىڭ تەخت ۋارىسى ساباھ ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى، دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى.

لى چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى، دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دوستلۇق ئالاقىسى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. خەلقئارا ۋەزىيەت قالايمىقان، گىرەلىشىپ كەتكەن، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئاجىز بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، بىزنىڭ ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنىغا ئوخشاش ئالماشتۇرۇش سۇپىسى ۋە ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورناتقانلىقىمىزنى رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىدىكى بىر چوڭ ئىجادىيەت، دېيىشكە بولىدۇ. ئۈچ تەرەپ تېخىمۇ زىچ تۇتاشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىش ئارقىلىق، ھاياتىي كۈچكە تولغان ئىقتىساد چەمبىرىكى ۋە ئېشىش قۇتۇپىنى بەرپا قىلالايدۇ، بۇ، ئۆز ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشى ۋە ئاسىيا، ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

لى چياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى تەرەپلەر بۇ تارىخىي پۇرسەتنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ھازىرقى دەۋردىكى دۇنياۋىھەمكارلىق تەرەققىياتىنىڭ ئۈلگىسىنى تىرىشىپ يارىتىشى كېرەك. بىرىنچىدىن، رايون ھالقىغان ئېچىۋېتىشنىڭ ئۈلگىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئۈچ تەرەپنى بايلىق، تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئوبوروت، سودا، سېلىنما قاتارلىق تېخىمۇ ئەركىن، قولايلىق ئورتاق بەھرىلىنىدىغان چوڭ بازار قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، تەرەققىيات باسقۇچىدىكى ھەمكارلىقنىڭ ئۈلگىسىنى يارىتىش كېرەك. ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش ئاساسىدا، ئۈچ تەرەپنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ماكرولۇق سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كەسىپلەر ھەمكارلىقىنى قويۇقلاشتۇرۇش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، مەدەنىيەت ھالقىغان يۇغۇرۇلۇشنىڭ ئۈلگىسىنى يارىتىش كېرەك. ئۈچ تەرەپنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۆزئارا ئىشىنىش ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلاپ، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، تېخىمۇ كۆپ تىنچلىق، تەرەققىيات ئورتاق تونۇشى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

لى چياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى، دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتى بىلەن ئۈچ تەرەپ ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك «بىر بەلباغ بىر يول» ھەرىكەت پىلانىنى تۈزۈپ، ئۇل ئەسلىھە، بازار قائىدىسى قاتارلىقلارنى تۇتاشتۇرۇش ۋە بىرلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، خادىملار ئالاقىسى ۋە خەلق رايىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى، دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەرگە تېخىمۇ كۆپ ۋىزا قولايلىقى بېرىشنى خالايدۇ. دۇنياغا نەزەر سالساق، ئۈچ تەرەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك مېخانىزم ئىچىدىكى ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداپ، زومىگەرلىك ۋە زوراۋانلىق سىياسىيسىغا بايرىقى روشەن ھالدا قارشى تۇرۇپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنىڭ ئۆز تەرەققىياتى ۋە رايون تىنچلىقى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم رولىغا يۈكسەك باھا بېرىپ، مۇنداق بىلدۈردى: باشلىقلار يىغىنىدا ئۈچ تەرەپنىڭ خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش يېڭى سەھىپىسى ئېچىلدى، «بىر بەلباغ بىر يول» ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، ئىقتىساد ـ سودا، ئىشلەپچىقىرىش ـ تەمىنات زەنجىرى، يېزا ئىگىلىكى، ئېنېرگىيە، پۇل مۇئامىلە، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيلىكتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئۈچ تەرەپنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۈچلۈك، سىغدۇرۇشچان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايمىز.

يىغىندا «شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى − جۇڭگو − دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتى باشلىقلار يىغىنىنىڭ قوشما باياناتى» ماقۇللاندى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ