شى جىنپىڭ رۇمىنىيەنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان دانغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2025.05.26 14:39 مەنبە: خەلق تورى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 2025 ـ يىلى 5 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ نىكۇسور دانغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ رۇمىنىيە زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: رۇمىنىيە دۇنيادا ئۈچىنچى بولۇپ يېڭى جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەت. ئۇزاقتىن بۇيان، جۇڭگو ـ رۇمىنىيە ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ كەلدى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى سىجىل ئالغا سىلجىتىلدى، ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەندى. ھازىر، دۇنيادا يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، جۇڭگو ـ رۇمىنىيە ئىككى دۆلەت ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھ بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئالاقىلىشىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئورتاق تونۇشنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمكارلىشىشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دەۋر پۇرسىتىنى ئورتاق ئىگىلەپ، قول تۇتۇشۇپ خەۋپ ـ خەتەر ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. مەن جۇڭگو ـ رۇمىنىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان دان بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ