شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى كەچتە، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ كۇئالالۇمپۇر كۆرگەزمە مەركىزىدە مالايشىيا زۇڭلىسى ئەنۋەر بىلەن كۆرۈشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شياڭ فوتوسى
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى كەچتە، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ كۇئالالۇمپۇر كۆرگەزمە مەركىزىدە مالايشىيا زۇڭلىسى ئەنۋەر بىلەن كۆرۈشتى.
لى چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئالدىنقى ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ مالايشىيادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى، ئىككى تەرەپ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىستراتېگىيەلىك جۇڭگو-مالايشىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا بىردەك قوشۇلۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىشىنى پىلانلىدى. جۇڭگو تەرەپ مالايشىيا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، بۇ تارىخىي خاراكتېرلىك زىيارەتنىڭ مۇھىم نەتىجىسىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش-ئۆزئارا ئىشىنىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو-مالايشىيا مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى «ئالتۇن 50 يىل»ىنى ئورتاق باشلاشنى خالايدۇ.
لى چياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ مالايشىيا تەرەپ بىلەن قويۇق يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-مالايشىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش ئاساسىنى مۇستەھكەملەشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ سودا، سېلىنما قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىق كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، دىققەتنى رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل ئىقتىساد، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش-تەمىنات زەنجىرى، قىممەت زەنجىرى قاتارلىقلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، «ئىككى دۆلەت قوش كەسىپلەر باغچىسى»، شەرقىي دېڭىز قىرغاق تۆمۈريولى قاتارلىق نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا پۇختا قاتنىشىپ، جۇڭگو-مالايشىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش موتورىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ مالايشىيا تەرەپ بىلەن ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمىنى ياخشى يولغا قويۇپ، مەدەنىيەت، مائارىپ، سەھىيە، تەنتەربىيە قاتارلىق ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-مالايشىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ خەلق ھېسسىيات رىشتىسىنى چىڭىتىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ يەنە «رۇجيا مەدەنىيلىكى بىلەن ئىسلام مەدەنىيلىكى سۆھبىتى» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەت، ھەتتا رايون مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش سۇپىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشى كېرەك.
لى چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: ھازىر يەككە تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىق باش كۆتۈرۈۋاتىدۇ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئاجىز بولۇۋاتىدۇ، جۇڭگو، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى، دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىدىكى قاتناشقۇچى ۋە مەنپەئەتلەنگۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئېچىۋېتىلگەن رايونچىلىق ۋە ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكتە ئورتاق چىڭ تۇرۇشى كېرەك. بۇ قېتىمقى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى−جۇڭگو−دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. مالايشىيا تەرەپ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى ۋە ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنىنى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن دۆلەت، جۇڭگو تەرەپ مالايشىيا تەرەپ بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنى پۇرسەت بىلىپ، ئۈچ تەرەپنىڭ تېخىمۇ زىچ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۇنياۋى ھەمكارلىشىش تەرەققىيات ئۈلگىسىنى يارىتىپ، ئەركىن سودا ۋە كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى ئورتاق قوغداپ، قول تۇتۇشۇپ دۇنياۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ، داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق، ئېنىقلىق ۋە ئاكتىپ كۈچ قوشىدۇ.
ئەنۋەر مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو مالايشىيانىڭ ياخشى قوشنىسى ۋە ياخشى ھەمراھى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئالدىنقى ئايدا مالايشىيادا قىلغان تارىخىي خاراكتېرلىك زىيارىتى ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. مالايشىيا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، زىيارەتنىڭ مۇھىم نەتىجىلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سودا، سېلىنما ھەمكارلىقىنى سىجىل كېڭەيتىپ، «ئىككى دۆلەت قوش كەسىپلەر رايونى»، شەرقىي دېڭىز قىرغاق تۆمۈريولى قاتارلىق نۇقتىلىق تۈرلەرنى زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، يېڭى ئېنېرگىيە، پۇل مۇئامىلە، بايلىق، سۈنئىي ئەقىل، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ. مالايشىيا تەرەپ كۆپ تەرەپچىلىكنى قەتئىي قوللايدۇ، جۇڭگونىڭ «ئومۇميۈزلۈك ۋە يۈكسەلگەن تىنچ ئوكيان ھالقىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»گە قاتنىشىشىنى قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، تۇنجى قېتىملىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى−جۇڭگو−دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتى باشلىقلار يىغىنىدا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى خالايدۇ.
مەنبە: خەلق تورى