شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5-ئاينىڭ 28-كۈنى تېلېگراممىسى: سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 36-قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم سۆزى ۋە يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى. ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «15-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، «15-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، «15-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى ياخشى تۈزۈش ۋە ياخشى يولغا قويۇشنى چۆرىدەپ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىشقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنى چۆرىدەش، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش بويىچە كېڭىشىش، تەكلىپ بېرىشكە تەشكىللەپ ۋە يېتەكلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
يىغىندا «جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ كېڭىشىش خىزمىتى قائىدىسى (تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى)» ۋە «جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسى (تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى)» قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، يۇقىرىقى ھۆججەت لايىھەلىرىنى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 12-يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.
رەئىسلەر يىغىنى «دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن ـ تېخنىكا كۈچىنى كۈچەيتىش» تېمىسىدا 2025 -يىللىق 2-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى، . مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى لۇڭ تېڭ تەكلىپكە بىنائەن دوكلات بەردى.
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن مۇ خۇڭ، شيەن خۇي، ۋاڭ گۇاڭچيەن، چىن بويۇڭ قاتارلىقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم سۆزى ۋە يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ سۆز قىلدى.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى تەيفېڭ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن خۇ چۈنخۇا، شېن يۆيۆ، ۋاڭ يۇڭ، جوۋ چياڭ، خې خوۋخۇا، لياڭ جېنيىڭ، باتېر، سۇ خۇي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ، ۋاڭ دۇڭفېڭ، جياڭ شىنجى، جياڭ زوجۈن، جۇ يۇڭشىن، ياڭ جېن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.