شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ جۇڭگو پىيونېرلار ئەترىتى 9 - قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلەپ مۇنداق تەكىتلىدى

ئەترەت بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ لاياقەتلىك قۇرغۇچىلىرىنى تەربىيەلەش كېرەك

پۈتۈن مەملىكەتتىكى كىچىك دوستلارنىڭ «1 - ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمىنىڭ خۇشال - خۇرام ئۆتۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى                   سەي چى ئېچىلىش يىغىنىغا قاتناشتى

2025.05.28 13:57 مەنبە: خەلق تورى

تەبرىك خەت

جۇڭگو پىيونېرلار ئەترىتى 9 - قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى ئېچىلغان پەيتتە، مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن! كەڭ پىيونېرلار، پىيونېرلار ئەترىتى يېتەكچىلىرى، پىيونېرلار ئەترىتى خىزمەتچىلىرىگە سەمىمىي سالام يوللايمەن!

ئۆسمۈر - بالىلار قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى كەلگۈسى جەڭگىۋار قوشۇن، پىيونېرلار ئەترىتى ئۆسمۈر - بالىلار ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىدىغان چوڭ مەكتەپ. يېڭى مۇساپىدە، پىيونېرلار ئەترىتى ئەترەت بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، دىققەتنى كوممۇنىزم ئىشلىرىنىڭ ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت تۈپ ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ لاياقەتلىك قۇرغۇچىلىرىنى تەربىيەلەشنى كۆزلەپ، كەڭ پىيونېرلارنى ۋەتەننى سۆيىدىغان، دۆلەتنى سۆيىدىغان، تىرىشىپ ياخشى ئۆگىنىدىغان، ئەتراپلىق يېتىلگەن يېڭى دەۋر ياخشى ئۆسمۈرلىرىدىن بولۇشقا تەربىيەلىشى ۋە يېتەكلىشى كېرەك. پارتىيەنىڭ پىيونېرلار ئەترىتى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى تەشكىلاتىنىڭ پۈتۈن ئىتتىپاق تەشكىلاتى بويىچە پىيونېرلار ئەترىتىنى يېتەكلەش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ئۆسمۈر - بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت ۋە شارائىت يارىتىپ، پىيونېرلار ئەترىتى ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

«1 - ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كىچىك دوستلارنىڭ بايرىمىنىڭ خۇشال - خۇرام ئۆتۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن!

شى جىنپىڭ

2025 - يىلى 5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسى)

«1 - ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، جۇڭگو پىيونېرلار ئەترىتى 9 - قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى 5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خەت ئەۋەتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى، كەڭ پىيونېرلار، پىيونېرلار ئەترىتى يېتەكچىلىرى، پىيونېرلار ئەترىتى خىزمەتچىلىرىگە سەمىمىي سالام يوللىدى ھەم پۈتۈن مەملىكەتتىكى كىچىك دوستلارنىڭ بايرىمىنىڭ خۇشال - خۇرام ئۆتۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق تەكىتلىدى: ئۆسمۈر - بالىلار قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى كەلگۈسى جەڭگىۋار قوشۇن، پىيونېرلار ئەترىتى ئۆسمۈر - بالىلار ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىدىغان چوڭ مەكتەپ. يېڭى مۇساپىدە، پىيونېرلار ئەترىتى ئەترەت بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، دىققەتنى كوممۇنىزم ئىشلىرىنىڭ ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت تۈپ ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ لاياقەتلىك قۇرغۇچىلىرىنى تەربىيەلەشنى كۆزلەپ، كەڭ پىيونېرلارنى ۋەتەننى سۆيىدىغان، دۆلەتنى سۆيىدىغان، تىرىشىپ ياخشى ئۆگىنىدىغان، ئەتراپلىق يېتىلگەن يېڭى دەۋر ياخشى ئۆسمۈرلىرىدىن بولۇشقا تەربىيەلىشى ۋە يېتەكلىشى كېرەك. پارتىيەنىڭ پىيونېرلار ئەترىتى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى تەشكىلاتىنىڭ پۈتۈن ئىتتىپاق تەشكىلاتى بويىچە پىيونېرلار ئەترىتىنى يېتەكلەش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ئۆسمۈر - بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت ۋە شارائىت يارىتىپ، پىيونېرلار ئەترىتى ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى سەي چى ئېچىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى شى تەيفېڭ يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىنى ئوقۇدى ھەم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆسمۈر - بالىلار ۋە پىيونېرلار ئەترىتى خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئىتتىپاق تەشكىلاتى قۇرۇلۇشى، پىيونېرلار ئەترىتى قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك. كەڭ پىيونېرلارنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىمىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيەت تومۇرىغا ۋارىسلىق قىلىپ، كۈرەش روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، تىرىشىپ پارتىيەنى سۆيىدىغان، ۋەتەننى سۆيىدىغان، تىرىشىپ ياخشى ئۆگىنىدىغان، ئەتراپلىق يېتىلگەن يېڭى دەۋردىكى ياخشى ئۆسمۈرلەردىن بولۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرى ئۈچۈن ھەرۋاقىت تەييار تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۆھرەت زاكىر، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى شېن يىچىن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شېن يۆيۆ يىغىنغا قاتناشتى.

قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش يىغىنىدا، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ 1 - شۇجىسى ئا دۇڭ، مائارىپ مىنستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋاڭ جيايى ئايرىم - ئايرىم ھالدا كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، مائارىپ مىنىستىرلىقىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى. پىيونېرلار ۋەكىلى پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، پىيونېرلار ئەترىتى تەشكىلاتىدا ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، ئۆسۈپ يېتىلىش ھېكايىلىرىدىن دوكلات بەردى. قۇرۇلتايدا مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر پىيونېرلار ئەترىتى يېتەكچىلىرى، مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر پىيونېرلار ئەترىتى كوللېكتىپى ۋەكىللىرىگە تەقدىرنامە بېرىلدى. كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەملىكەتلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ يى 8 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتىغا ۋاكالىتەن خىزمەت دوكلاتى بەردى.

مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، 9 - قېتىملىق مەملىكەتلىك پىيونېرلار ئەترىتى قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى، مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر پىيونېرلار ئەترىتى يېتەكچىلىرى، مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر پىيونېرلار ئەترىتى كوللېكتىپى ۋەكىللىرى، بېيجىڭ شەھىرىدىكى پىيونېرلار ۋە پىيونېرلار ئەترىتى يېتەكچىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلاردىن بولۇپ تەخمىنەن 3000 كىشى ئېچىلىش يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ