5-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن كېيىن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ ھىندونېزىيەدىكى رەسمىي زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ھەمدە مالايشىيادا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى-جۇڭگو-دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقاندىن كېيىن، مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى.
كۇئالالۇمپۇردىن ئايرىلىدىغان چاغدا، مالايسىيانىڭ قاتناش مىنىستىرى لۇ جاۋفۇ ۋە جۇڭگونىڭ مالايشىيادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئوۋياڭ يۈجىڭ، جۇڭگونىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خوۋ يەنچى قاتارلىقلار ئايروپورتقا چىقىپ ئۇزىتىپ قويدى.