شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 20 - نۆۋەتلىك جۇڭگو غەربىي قىسىم خەلقئارا كۆرگەزمىسىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو غەربىي قىسىم خەلقئارا كۆرگەزمىسىدە دىققەت يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، رايونلارنىڭ ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشقا مەركەزلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىشتا مۇھىم ئىلگىرى سۈرۈش رولىغا ئىگە، شۇنداقلا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى جۇڭگونىڭ غەربىي قىسىمنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پۇرسىتىدىن ھەمبەھرىلىنىدىغان ئۈنۈملۈك سۇپا بىلەن تەمىنلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىتتىپاقلاشقاندىلا ئاندىن ئورتاق پايدا ئالغىلى بولىدۇ، قول تۇتۇشقاندىلا ئاندىن ئورتاق ئىلگىرىلىگىلى بولىدۇ. بىز بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنى پۇرسەت بىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى دوستلار بىلەن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دوستلۇقنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسى ۋە دۇنياۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىم، راۋان بولۇشىنى ئورتاق قوغداپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشى، راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشنى خالايمىز.
20 - نۆۋەتلىك جۇڭگو غەربىي قىسىم خەلقئارا كۆرگەزمىسى شۇ كۈنى سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ چېڭدۇ شەھىرىدە باشلاندى، باش تېمىسى «ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش» بولۇپ، سىچۇەن ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى.