تەبرىك خەت
فۇدەن داشۆ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 120 يىللىقى پەيتىدە، مەن بارلىق ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلار، خىزمەتچى خادىملار ۋە كەڭ مەكتەپداشلارنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن!
120 يىلدىن بۇيان، فۇدەن داشۆ دەۋر بىلەن تەڭ قەدەمدە ئىلگىرىلەپ، شەرەپلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل مەكتەپ ئىستىلىنى شەكىللەندۈرۈپ، زور بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، نۇرغۇن ئىجادىي نەتىجىلەرنى يارىتىپ، دۆلەت قۇرۇلۇشى ۋە مىللەتنىڭ تەرەققىياتىدا ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇردى.
يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، فۇدەن داشۆنىڭ قەتئىي بوشاشماي يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن روھنى تاۋلاپ ئادەم تەربىيەلەپ، مائارىپ، پەن تەتقىقات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن ـ تېخنىكىدا ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن ئىختىساسلىقلارنى ئۆز ئالدىغا يېتىشتۈرۈشنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەر بويىچە بىلىمدە يېڭىلىق يارىتىش، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەسى ۋە رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
شى جىنپىڭ
2025 ـ يىلى 5 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 5 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى خەت ئەۋەتىپ، فۇدەن داشۆ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 120 يىللىقىنى تەبرىكلىدى، بارلىق ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلار، خىزمەتچى خادىملار ۋە كەڭ مەكتەپداشلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق كۆرسەتتى: 120 يىلدىن بۇيان، فۇدەن داشۆ دەۋر بىلەن تەڭ قەدەمدە ئىلگىرىلەپ، شەرەپلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل مەكتەپ ئىستىلىنى شەكىللەندۈرۈپ، زور بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، نۇرغۇن ئىجادىي نەتىجىلەرنى يارىتىپ، دۆلەت قۇرۇلۇشى ۋە مىللەتنىڭ تەرەققىياتىدا ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇردى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، فۇدەن داشۆنىڭ قەتئىي بوشاشماي يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن روھنى تاۋلاپ ئادەم تەربىيەلەپ، مائارىپ، پەن تەتقىقات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن ـ تېخنىكىدا ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن ئىختىساسلىقلارنى ئۆز ئالدىغا يېتىشتۈرۈشنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەر بويىچە بىلىمدە يېڭىلىق يارىتىش، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەسى ۋە رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
فۇدەن داشۆ 1905 ـ يىلى قۇرۇلغان. 120 يىلدىن بۇيان، مەكتەپ «بىلىملىك ھەم ئىرادىلىك بولۇش، كۆپ سوراش ھەم ئەتراپلىق پىكىر يۈرگۈزۈش»تىن ئىبارەت مەكتەپ تەلىمىگە ئەمەل قىلىپ، قالتىس نەتىجىلەرنى يارىتىشقا ئىنتىلىپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، دۆلەت ئۈچۈن زور بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈردى.