مۇھىم خەۋەرلەر

چەت ئەل تاراتقۇلىرى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېڭى ئوقۇغۇچىلارغا ۋىزا بېرىشتە يۈزتۇرا سۆزلىشىشنى ۋاقتىنچە توختاتتى

2025.05.28 15:10 مەنبە: خەلق تورى

رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ تاراتقۇ 5-ئاينىڭ 27-كۈنى كۆرگەن بىر ئىچكى تېلېگراممىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئاپپاراتلىرىغا ئوقۇغۇچىلار ۋە زىيارەتچى تەتقىقاتچىلار ۋىزىسىنى ئىلتىماس قىلغۇچىلارغا يېڭى يۈزتۇرا سۆزلىشىشنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ۋاقتىنچە توختىتىش توغرىسىدا يوليورۇق بەرگەن.

خەۋەر قىلىنىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى رۇبىئو تېلېگراممىدا مۇنداق بىلدۈرگەن: ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى تەكشۈرۈش تاماملانغاندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلار ۋە زىيارەتچى تەتقىقاتچىلار ۋىزىسى ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى ئەڭ يېڭى كۆرسەتمىنى ئېلان قىلىشنى پىلانلىدى ھەم كونسۇل تارماقلىرىنىڭ بۇ خىل ۋىزا ئۈچۈن يۈزتۇرا سۆزلىشىشنى ئورۇنلاشتۇرماسلىقنى تەۋسىيە قىلدى.

بۇ تېلېگراممىدا رۇبىئو ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغان يۈزتۇرا سۆزلىشىشنى ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەم بويىچە ئېلىپ بېرىشقا بولىدىغانلىقىنى، لېكىن ئالدىن كېلىشىپ قويمىغان يۈزتۇرا سۆزلىشىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ