جاۋ لېجى تۈركمەنىستاننىڭ پارلامېنت باشلىقى گۇرمانوۋا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

2025.05.23 15:20 مەنبە: خەلق تورى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى خەلق سارىيىدا تۈركمەنىستان پارلامېنتىنىڭ باشلىقى گۇرمانوۋا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

جاۋ لېجى مۇنداق دېدى: 2023-يىلى 1-ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ سەردار بەردى مۇھەممەدوف بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-تۈركمەنىستان مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈپ، ئىككى تەرەپ قاتلىمىدا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇ يىلى 10-ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ 3-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن رەئىس قۇربانگۈل بەردى مۇھەممەدوف بىلەن دوستانە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى ئۈچۈن يېڭى ئۇلۇغۋار پىلان تۈزدى. جۇڭگو تۈركمەنىستان بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو-تۈركمەنىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

جاۋ لېجى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تۈركمەنىستاننىڭ تەيۋەن، شىنجاڭ، كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق مەسىلىلەردە جۇڭگونىڭ مەيدانىنى قەتئىي قوللىغانلىقىغا يۈكسەك ئاپىرىن ئېيتىدۇ، تۈركمەنىستاننىڭ دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە خەۋپسىزلىكىنى قوغدىشىنى ئاۋۋالقىدەكلا قەتئىي قوللايدۇ، تۈركمەنىستاننىڭ مەڭگۈ بىتەرەپ تۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو تۈركمەنىستان بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى « يىپەك يولىنى گۈللەندۈرۈش» ئىستراتېگىيەسى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكى، مەدەنىيەت، ساياھەت، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئۈچ چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇسنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بىرلىكتە تۈرتكە بولۇپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى خالايدۇ.

جاۋ لېجى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تۈركمەنىستان خەلق پارلامېنتى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئۆزىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، قانۇن چىقىرىش، نازارەت قىلىش ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقى ئۈچۈن ياخشى قانۇنچىللىق مۇھىتى يارىتىشنى خالايدۇ.

جاۋ لېجى جۇڭگونىڭ قانۇن سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ۋە خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن چىقىرىش خىزمىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

گۇرمانوۋا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش پىرىنسىپى ئاساسىدىكى تۈركمەنىستان-جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى سىياسىي، ئىقتىساد، دىپلوماتىيە، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردە جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. تۈركمەنىستان خەلق كېڭىشى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان دوستانە ئالاقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈركمەنىستان-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرىنىڭ تۆھپىسىنى قوشۇشنى خالايدۇ.

خاۋ مىڭجىن سۆھبەتكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ