5-ئاينىڭ 22-كۈنى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ بېيجىڭدا 2025-يىللىق دۇنياۋى سودا ۋە سېلىنمىنى ئىلگىرى سۈرۈش باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
خەن جېڭ مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ ئالاقە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقىل بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلەش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. نۆۋەتتە، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى چوڭقۇر تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، رەقەملىك ئىقتىساد، سۈنئىي ئەقىل قاتارلىقلار ۋەكىللىكىدىكى يېڭى كەسىپ، يېڭى تېخنىكا كەڭ قوللىنىلىپ، دۇنياۋى سودا ۋە سېلىنما ئەندىزىسى ئۆزگەرمەكتە، بۇ غايەت زور تەرەققىيات پۇرسىتى ۋە كەڭ ئىستىقبالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. رەقەملىشىش، ئەقلىيلىشىش دەۋرى تېز يېتىپ كەلگەن بۈگۈنكى كۈندە، بىز قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، دۇنياۋى سودا ۋە سېلىنما ئۆزگىرىشىگە پائال تۈرتكە بولۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.
خەن جېڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىنىڭ يېڭى پۇرسىتىنى ئورتاق ئىگىلەپ، رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىيلەشتۈرۈش تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش، قوللىنىشنىڭ دائىرىسى ۋە چوڭقۇرلۇقىنى كېڭەيتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە تەرەققىياتىنى تېخىمۇ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلەش كېرەك. رەقەملىشىش، ئەقلىيلىشىش دەۋرىدىكى ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادىل، ئومۇمىي مەنپەئەتدار بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، رەقەم جەھەتتىكى ھاڭ، ئەقلىي ئىقتىدار ھاڭىنى تىرىشىپ تولدۇرۇپ، خەلقئارا سودا ۋە سېلىنما ھەمكارلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى شارائىت يارىتىش كېرەك. دۇنياۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى، راۋانلىقىنى ئورتاق قوغداپ، رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىيلەشتۈرۈش تېخنىكىسى ئارقىلىق كۈچ قوشۇپ، يۇقىرى-تۆۋەن ئېقىندىكى كارخانىلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى ماس تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنياۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ تېخىمۇ ئېلاستىكلىققا، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ مول ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
خەن جېڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو دۇنيانىڭ باراۋەر، تەرتىپلىك كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان دۇنياۋىلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ، ئۇ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى ئاساسلىق تۆھپىكار ۋە مۇقىملاشتۇرغۇچ. جۇڭگو يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي كېڭەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرىنى كەڭ پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. جۇڭگو بىلەن قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىش پۇرسەت بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىگەنلىك ھېسابلىنىدۇ.
دۇنياۋى سودا ۋە سېلىنمىنى ئىلگىرى سۈرۈش باشلىقلار يىغىنىنى جۇڭگو سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ئۇدا تۆت نۆۋەت ئۆتكۈزۈلدى. بۇ نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىنىڭ باش تېمىسى «رەقەملىشىش، ئەقلىيلىشىش دەۋرىگە قۇچاق ئېچىپ، قول تۇتۇشۇپ ئورتاق تەرەققىي قىلىش» بولۇپ، يىغىنغا چەت ئەل ھۆكۈمەت تارماقلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلار، چەت ئەل سودا جەمئىيەتلىرى ۋە دۇنياۋى سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ھەم جۇڭگو، چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 800دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
مەنبە: خەلق تورى