شى جىنپىڭ گېرمانىيە زۇڭلىسى مېرز بىلەن تېلېفونلاشتى

2025.05.26 14:38 مەنبە: خەلق تورى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 5 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كېلىشكىنى بويىچە گېرمانىيە زۇڭلىسى مېرز بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مېرزنىڭ گېرمانىيە زۇڭلىسى بولغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۈگۈنكى دۇنيادا يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ، جۇڭگو ـ گېرمانىيە، جۇڭگو ـ ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك، ئومۇمىيلىق خاراكتېرىدىكى ئەھمىيىتى تېخىمۇ گەۋدىلەندى. ساغلام، مۇقىم بولغان جۇڭگو ـ گېرمانىيە مۇناسىۋىتى ئىككى دۆلەتنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، شۇنداقلا جۇڭگو ـ ياۋروپادىكى ھەر ساھەنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن. جۇڭگو تەرەپ گېرمانىيە تەرەپ بىلەن ھەر تەرەپلىمە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىپ، جۇڭگو ـ ياۋروپا مۇناسىۋىتىنى يېڭى تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرۈشكە يېتەكلەپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ئېشىشى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو ـ گېرمانىيە ئىككى دۆلەت باشتىن ـ ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش روھى بىلەن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇردى، بۇ ياخشى ئەنئەنىنى ئىككى تەرەپنىڭ كۆڭۈل قويۇپ قوغدىشىغا، ۋارىسلىق قىلىپ جارى قىلدۇرۇشىغا توغرا كېلىدۇ. بىرىنچىدىن، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەش كېرەك. جۇڭگو گېرمانىيەنى ھەمراھ دەپ قارايدۇ، گېرمانىيەنىڭ تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىنى كۆرۈشنى خالايدۇ، گېرمانىيە تەرەپ بىلەن يۇقىرى قاتلاملىقلار ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، بىر ـ بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسىنى مۇستەھكەملەشنى خالايدۇ. ئىككىنچىدىن، مۇناسىۋەتنىڭ ئەۋرىشىملىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىككى تەرەپ ھەم ئاپتوموبىل، ماشىنا ياسىمىچىلىقى، خىمىيە سانائىتى قاتارلىق ئەنئەنىۋى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ساقلانما مىقدارىنى داۋاملىق زورايتىپ، ھەم سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، كىۋانت تېخنىكىسى قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ئاشۇرۇلما مىقدارىنى يېتىلدۈرۈپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى، يېشىل تەرەققىيات قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشىنى كۈچەيتىپ، دۇنيانىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى ئۈچۈن جۇڭگو ـ گېرمانىيە ئەقىل ـ پاراسىتى ۋە لايىھەسىنى تەقدىم قىلىشى كېرەك. ئۈچىنچىدىن، ھەمكارلىق قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ گېرمانىيە تەرەپ بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ئېلىپ كەلگەن تەرەققىيات پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى خالايدۇ، گېرمانىيە تەرەپنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ قوش يۆنىلىشلىك مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۆپ سىياسەت مەدىتى ۋە قولايلىق بىلەن تەمىنلەپ، جۇڭگو كارخانىلىرىغا ئادىل، ئاشكارا بولغان، كەمسىتىش بولمىغان تىجارەت ـ سودا مۇھىتى يارىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو ـ گېرمانىيە، جۇڭگو − ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا ئورۇن بېكىتمىسى ھەمراھلىق بولۇپ، مۇقىم، مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان سىياسەت مۇھىتى ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم كاپالىتى، چوڭ دۆلەت مەسئۇلىيەتچانلىقى ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق بۇرچى. بۇ يىل جۇڭگونىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى، ئىككى تەرەپ جۇڭگو − ياۋروپا مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەرنى ئورتاق يەكۈنلەپ، كۆپ تەرەپچىلىك ۋە ئەركىن سودىنى قوغداش، ئېچىۋېتىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا پائال سىگنال تارقىتىشى كېرەك.

مېرز مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم دۆلەتلەرنىڭ بىرى. گېرمانىيە ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ياخشى، ھەمكارلىقى چوڭقۇر، نەتىجىسى مول. ھازىرقى خەلقئارا ۋەزىيەتتە، دۇنيادىكى ئىككى چوڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن، گېرمانىيە ـ جۇڭگو ھەمكارلىقى تولىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. گېرمانىيە يېڭى ھۆكۈمىتى بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ، ئىجابىي ۋە ئەمەلىي بولۇش روھى بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. گېرمانىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئادىل سودىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق دۇنياۋى خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ياۋروپا − جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشى ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، گېرمانىيە تەرەپ بۇنىڭ ئۈچۈن ئاكتىپ رول ئويناشنى خالايدۇ.

ئىككى تەرەپ يەنە ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ