شى جىنپىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنى كۈچلۈك مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلەش كېرەك

سەي چى مەملىكەتلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

2025.05.26 14:37 مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىكنىڭ ماسلىشىشى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەت ئاساسىي ئېقىم قىممىتىنى مۇستەھكەملىدى ۋە زورايتتى، پۈتكۈل مىللەتنىڭ روھىي قىياپىتى تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ بولدى، خەلقنىڭ مەدەنىيلىك ساپاسى ۋە جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىدا يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجە بولۇشى كېرەك. قەتئىي بوشاشماي يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن قەلبنى مۇجەسسەملەپ روھنى تاۋلاپ، غايە ـ ئېتىقاد تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى كەڭ ئەمەلدە كۆرسىتىش كېرەك. مەدەنىيەت ئارقىلىق كىشىلەرگە تەسىر كۆرسىتىش، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، خەلقنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مەدەنىيلىك يېتىلدۈرۈش، مەدەنىيلىكنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، مەدەنىيلىك بەرپا قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇپ، شەھەر ـ يېزا مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىلغار تىپلارنىڭ ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان جەمئىيەت كەيپىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شەكىللەندۈرۈش كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جەمئىيەتنى قاتنىشىشقا كەڭ سەپەرۋەر قىلىپ، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنى كۈچلۈك مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

مەملىكەتلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى 5 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى يەتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى سەي چى يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

سەي چى سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىنغان، مۇپەسسەل ھەم چوڭقۇر مەزمۇنلۇق بولۇپ، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيلىققا، ئىدىيەۋىلىككە، قاراتمىلىققا، يېتەكچىلىككە ئىگە، ئەستايىدىل ئۆگىنىشىمىز، ئۆزلەشتۈرۈشىمىز، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشىمىز كېرەك.

سەي چى مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، بىر قاتار مۇھىم خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار مۇھىم بايان ۋە مۇھىم يوليورۇق يېڭى دەۋردىكى مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىدىكى بىر قاتار مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە ئىلمىي جاۋاب بېرىپ، پارتىيەمىزنىڭ سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇردى، بۇ، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

سەي چى مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى ۋە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 ـ، 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىدىغان كۈچلۈك مەنىۋى كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك. نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەشۋىق قىلىش، ئومۇملاشتۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە چوڭقۇر تۈرتكە بولۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ دەۋر ئالاھىدىلىكى ۋە تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، مەدەنىيلىك يېتىلدۈرۈش، مەدەنىيلىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، مەدەنىيلىك بەرپا قىلىشنى تۇتاشتۇرۇش ۋە ئالغا سىلجىتىش كېرەك. شەھەر ـ يېزىلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، مەدەنىي يېزا ئىستىلى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىلغار تىپلارنىڭ ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، قەھرىمان نەمۇنىچى شەخسلەردىن ئۆگىنىش ۋە ئۇلارنى تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان روھىي قىياپەتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى مول ئوزۇق بىلەن تەمىنلەش كېرەك. پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشنى مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى ۋە پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم ـ كوتسىز، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

لى شۇلېي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. شېن يىچىن تەقدىرلەش قارارىنى ئوقۇدى.

تەقدىرلەنگەنلەر ۋەكىللىرىگە تەقدىرنامە تارقىتىپ بېرىلدى. 7 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك مەدەنىي شەھەر، مەدەنىي كەنت ـ بازار، مەدەنىي ئورۇن ۋەكىللىرى، 3 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك مەدەنىي ئائىلە، مەدەنىي مەكتەپ ۋەكىللىرى، 9 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى ۋەكىللىرى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا يىغىندا سۆز قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ