دىڭ شۆشياڭ گوللاندىيەنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى ۋېلدكامپ بىلەن كۆرۈشتى

2025.05.23 15:15 مەنبە: خەلق تورى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ 5-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭدا گوللاندىيەنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى ۋېلدكامپ بىلەن كۆرۈشتى.

دىڭ شۆشياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم پادىشاھ ۋىللىيام-ئالېكساندىر قاتارلىق گوللاندىيە تەرەپ رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. جۇڭگو بىلەن گوللاندىيە ئوخشاشلا دۇنيادىكى مۇھىم ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇپ، ئوچۇق، ئەمەلىي بولغان ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق ھەمراھى. جۇڭگو تەرەپ گوللاندىيە تەرەپ بىلەن دوستانە ئالاقىلىشىش ۋەزىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، بىر-بىرىگە مۇۋاپىق كۆڭۈل بۆلۈپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسى ۋە خەلقئارا ئىقتىساد-سودا تەرتىپىنى قەتئىي قوغداپ، دۇنياۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداشنى خالايدۇ. گوللاندىيە تەرەپنىڭ ئىجابىي رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

ۋېلدكامپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىر خەلقئارا ۋەزىيەت خىرىسقا تولدى، گوللاندىيە بىلەن جۇڭگونىڭ سۆھبەتلىشىش، ھەمكارلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى ئىنتايىن مۇھىم. گوللاندىيە تەرەپ جۇڭگونى مۇھىم ھەمراھ دەپ قارايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ تۈرلۈك خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، ئەركىن سودىنى قوغداشنى خالايدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ