بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاياللار مەھكىمىسى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى مۇنداق دېدى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى 2023 ـ يىلى 10 ـ ئايدا پارتلىغاندىن بۇيان، 28 مىڭدىن ئارتۇق ئايال ۋە قىز بالا غەززە رايونىدىكى ئۇرۇش ئوتىدا ھاياتىدىن ئايرىلدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاياللار مەھكىمىسى شۇ كۈنى بىر خەۋەردە مۇنداق دېگەن: بۇ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر سائەتتە بىر ئايال ۋە بىر قىز بالىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قاراتقان ھەربىي زەربىسىدە ئۆلگەنلىكىگە باراۋەر. مىڭلىغان ئانىلار ئۇرۇش ئوتىدا ئۆلۈپ، ئائىلە پاجىئەسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى 3-ئايدا بۇزۇلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسرائىلىيە قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ غەززە رايونىغا كىرىشىنى توسقانلىقتىن، شۇ جاينىڭ ۋەزىيىتى تېخىمۇ يامانلاشتى.