دىڭ شۆشياڭ خۇبېيدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن ـ تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ كۈچلۈك ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى مۇجەسسەملەش كېرەك

2025.05.16 14:15 مەنبە: خەلق تورى

5-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ خۇبېيدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن-تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ كۈچلۈك ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

دىڭ شۆشياڭ خۇبېي ئەنچى بىيو گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، ۋۇخەن گۇاڭشۈن پەن-تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى، چاڭجياڭ ساقلاش پەن-تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە بېرىپ، كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش-تىجارىتى، يۇقىرى پەن-تېخنىكا كەسپىنىڭ تەرەققىياتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: كارخانا پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ سۇبيېكىتى، تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش ئامىللىرىنىڭ كارخانىلارغا توپلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، بارلىق چارە-ئاماللار بىلەن كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى ۋە ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك

پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، دىققەتنى نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاجىز ھالقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تېخنىكا تەتقىق قىلىپ ئېچىش سالمىقىنى زورايتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك پەن-تېخنىكا تەمىناتىنى ئاشۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرى ۋە تەمىنات زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداپ، كەسىپلەرنىڭ ئالىيلىشىپ، ئەقلىيلىشىپ، يېشىللىشىپ تەرەققىي قىلىشىنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. خاس ئەۋزەللىككە ئىگە كەسىپلەر توپىنى بەرپا قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.

دىڭ شۆشياڭ خۇاجۇڭ پەن-تېخنىكا داشۆسى، خۇبېي جيۇفېڭشەن تەجرىبىخانىسىغا بېرىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى ۋە پەن-تېخنىكا قەرەللىك ژۇرنىلى قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، يېڭى تىپتىكى تەتقىقات ئاپپاراتلىرىنىڭ پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، ۋۇخەن رايون پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇلۇشى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: مائارىپنىڭ پەن-تېخنىكا ۋە ئىختىساسلىقلارغا بولغان تىرەكلىك رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پەن- كەسىپ قۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئۆز ئالدىغا يېتىشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى ساپالىق، سەرخىل يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرىنى ئۈزلۈكسىز يېتىشتۈرۈش كېرەك. ئۇل تەتقىقات، تېخنىكا تەتقىق قىلىش ۋە قوللىنىش، كېڭەيتىشنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق ئورتاق تېخنىكىلارنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بىر تۈركۈم پەن-تېخنىكا قەرەللىك ژۇرناللىرىنى ياخشى چىقىرىپ، خەلقئارا رىقابەت كۈچى ۋە تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى ۋە پەن-تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ياخشى ئۇيغۇنلىشىش كېرەك.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ