شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى 5 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار كېڭىشى يىغىنىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى ئىراق زۇڭتۇڭى رەشىدكە تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، 34 - نۆۋەتلىك ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار كېڭىشى يىغىنىنىڭ باغدادتا ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى قۇرۇلغان 80 يىلدىن بۇيان، باشتىن - ئاخىر ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ بىرلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشقا كۈچ چىقىرىپ، ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئورتاق ساداسىنى پائال تارقىتىپ، ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى. ھازىر، دۇنيادا يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى مۇرەككەپ ھەم ئۆزگىرىپ تۇرۇۋاتىدۇ، ئەرەب دۆلەتلىرى مۇستەقىل ۋە ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداپ، يەرشارى جەنۇبىنىڭ تەسىر كۈچىنى زورايتىشتا ئاكتىپ رول ئوينىماقتا.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگونىڭ ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. 2022 - يىلى 12 - ئايدا، مەن ئەرەب دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن يېڭى دەۋرگە يۈزلەنگەن جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا بىردەك قوشۇلغانىدۇق. 2026 - يىلى 2 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنى جۇڭگودا ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئىشىنىمەنكى، بۇ، جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتى تارىخىدىكى يەنە بىر مۇھىم ئابىدە بولۇپ قالىدۇ. جۇڭگو بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرى بىر - بىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە كەلگۈسى نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇردى. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، جۇڭگو باشتىن - ئاخىر ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئىشىنىشكە ئەرزىيدىغان دوستى ۋە ھەمراھى بولۇپ، قەتئىيلىك بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ھەققانىيەت ئىشلىرى تەرەپتە تۇرىدۇ. جۇڭگو ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆزلىرىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.