جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق تۆۋەندىكى باش ئەلچىلەرنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى ۋە ۋەزىپىدىن قالدۇردى:
1. لۇڭ جوۋنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مالاۋى جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛
لۇ شۈ (ئايال)نى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مالاۋى جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.
2. ۋاڭ لىشىن (ئايال)نى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مالدىۋې جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛
كۇڭ شيەنخۇانى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مالدىۋې جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.
3. جۇ لىيىڭنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ماۋرىتىئۇس جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛
خۇاڭ شىفاڭ (ئايال)نى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ماۋرىتىئۇس جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى؛
4. شياۋ خەننى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سېنېگال جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛
لى جىگاڭنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سېنېگال جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.
5. گو مىن (ئايال)نى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛
لۇ مېي (ئايال)نى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى؛
6. فەن يۇڭنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەرمېنىيە جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛
لى شىنۋېينى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەرمېنىيە جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.
7. گو خەييەن (ئايال)نى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ گىۋىيانا ھەمكارلىق جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛
ياڭ ياڭ (ئايال)نى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ گىۋىيانا ھەمكارلىق جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى؛
8. دەي بىڭنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىللىك، ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛
سۈن لېينى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىللىكىگە، ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.