لى چياڭ دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى كۈچەيتىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى كۈچەيتىشنى ئىقتىسادنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر قىلىش كېرەك

دىڭ شۆشياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2025.05.16 14:13 مەنبە: خەلق تورى

5 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى، گوۋۇيۈەن دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش بويىچە ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئاچتى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ يىغىندا مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى چوڭقۇر تونۇپ ۋە دەل جايىدا ئىگىلەپ، تەرەققىياتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەۋقەسىنى دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى كۈچەيتىشكە قويۇش كېرەك، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنىڭ ئىچكى مۇقىملىقى ۋە ئۇزاق مۇددەت ئۆسۈپ يېتىلىشچانلىقى ئارقىلىق خەلقئارا ئايلىنىشنىڭ ئېنىقسىزلىقىغا تاقابىل تۇرۇپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىلىرىدىن جاڭ گوچىڭ، ليۇ گوجۇڭ، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىرىدىن ۋاڭ شياۋخۇڭ، ۋۇ جېڭلۇڭ، چېن يىچىن يىغىنغا قاتناشتى.

لى چياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىچكى ئېھتىياجنى يېتەكچى قىلىش، ئىچكى قىسىمدا ئايلىنالايدىغان بولۇش چوڭ دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ خاس ئەۋزەللىكى. يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشنى چۆرىدەپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ۋە تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىقتىسادىي ئايلىنىشنىڭ سۈپىتى ۋە قاتلىمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، دۆلەت ئىچى بازىرى بىلەن خەلقئارا بازارنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك تۇتاشتۇرۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىش ئارقىلىق خەلقئارا ئايلىنىشقا تېخىمۇ ياخشى يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.

ھازىرقى باسقۇچتىكى دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى تۆت جەھەتتە گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. بىرىنچى، بايلىق ئامىلىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەقسىملەپ، يەرلىك قورۇقچىلىق ۋە بازار ئايرىمىچىلىقىنى يەنىمۇ تۈگىتىپ، ئامىلنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئىككىنچى، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇر يۇغۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلار ۋە ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، پەن ـ تېخنىكا نەتىجىلىرىنى كەسىپلەشتۈرۈپ قوللىنىشنى ھەقىقىي ئالغا سىلجىتىپ، بىر تۈركۈم يېڭى كەسىپ، يېڭى مۇسابىقە يولى بەرپا قىلىش كېرەك. ئۈچىنچى، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنى ئۆز ئالدىغا مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەسىپلەشكەن ئىش تەقسىماتى، رايونلار ئارا ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، سىجىل تۈردە زەنجىرنى تولۇقلاپ، زەنجىرنى كۈچەيتىپ، زەنجىرنى كېڭەيتىپ، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ ئېلاستىكلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. تۆتىنچى، تەمىنات بىلەن ئېھتىياجنىڭ ھەرىكەتچان تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ، ئىستېمالدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادىي سىياسەتنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنى خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يۆتكەپ، ئىستېمال دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئەلا سۈپەتلىك تەمىنات ئارقىلىق ئېھتىياجنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش كېرەك.

لى چياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دىققەتنى ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەر ۋە ئاجىز ھالقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىش ئاساسىنى پۇختىلاش، كۈچەيتىش كېرەك. تاشقى سودا كارخانىلىرىغا دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك ياردەم بېرىپ ۋە يۆلەپ، ئەمەلىي قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشقا ھەقىقىي ياردەم بېرىپ، تاشقى زەربىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش كېرەك. تۈرلۈك چارە-ئاماللار بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇشىنى قوللاپ، ھەرقايسى ساھە، بولۇپمۇ مۇلازىمەت كەسپىدە ئىشقا ئورۇنلىشىشنى كېڭەيتىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، دېھقان ئىشلەمچىلەر قاتارلىقلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى گەۋدىلىك ھەل قىلىش كېرەك. يوشۇرۇن كۈچنى چوڭقۇر قېزىپ ئىستېمالنى جانلاندۇرۇپ، كۆپ مىقدارلىق ئىستېمالنىڭ يېڭىلىنىشى، دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، مۇلازىمەت ئىستېمالىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قوزغىتىپ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئىستېمالغا تۈرتكە بولۇش ئۈنۈمىنى زورايتىش كېرەك. ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىپ، مەبلەغ توپلاش، ئىشلىتىش ۋە تۈر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، خەلق ئىچى سېلىنمىسىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يەرلىكنىڭ تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات يارقىن نۇقتىسى بەرپا قىلىشىنى قوللاپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كەسىپ يارقىن نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈپ، خاس بايلىققا تايىنىپ ماركا يارقىن نۇقتىسى يارىتىش كېرەك. تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تۈرلۈك خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك.

لى چياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى رايونلار جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىپ، سىياسەتنى پىلانلاپ يولغا قويۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خىزمەتلەردە ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىي كۈچىنى تولۇق قوزغىتىپ، بەس-بەستە تەرەققىي قىلىدىغان ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى كۈچەيتىش داۋامىدا تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشى كېرەك.

دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، سودا مىنىستىرلىقى ۋە جېجياڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت، جياڭشى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت، گەنسۇ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار يىغىندا سۆز قىلدى.

 مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ