شى جىنپىڭ ئۇرۇگۋاينىڭ سابىق زۇڭتۇڭى مۇجىكانىڭ ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇرۇگۋاي زۇڭتۇڭى ئولسىغا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2025.05.19 13:35 مەنبە: خەلق تورى

5 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇرۇگۋاينىڭ سابىق زۇڭتۇڭى مۇجىكانىڭ بەختكە قارشى ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇرۇگۋاي زۇڭتۇڭى ئولسىغا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى، مۇجىكانىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋە ئۇرۇگۋاي خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مۇجىكا ئەپەندى ئۇرۇگۋاينىڭ داڭلىق رەھبىرى، بىر ئۆمۈر ئۇرۇگۋاي خەلقىنىڭ بەخت ـ سائادىتىنى كۆزلەپ، ئۇرۇگۋاي خەلقىنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان، خەلقئارا جەمئىيەتتە بىرقەدەر يۇقىرى ئىناۋەتكە ئىگە. ئۇ ھايات چېغىدا ئۇزاق مەزگىل جۇڭگو ـ ئۇرۇگۋاي مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا كۈچ چىقىرىپ، ئىككى دۆلەت دوستلۇق ئىشلىرىغا پائال تۆھپە قوشقان. ئۇ ۋاپات بولۇپ، جۇڭگو خەلقى بىر قەدىناس دوستى، ياخشى دوستىدىن ئايرىلىپ قالدى. مەن جۇڭگو ـ ئۇرۇگۋاي مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ ئولسى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو ـ ئۇرۇگۋاي ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا داۋاملىق تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ