مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى خەلق سارىيىدا مېكسىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى گۇتېررېس بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
جاۋ لېجى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكا مۇنبىرى 4-نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، ئىتتىپاقلىق، تەرەققىيات، مەدەنىيلىك، تىنچلىق، خەلق رايىدىن ئىبارەت «بەش چوڭ قۇرۇلۇش»نىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلاپ، جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىغا ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. جۇڭگو-مېكسىكا مۇناسىۋىتى يۇقىرى سەۋىيەلىك يۈرۈشۈشنى ساقلاپ، ئىستراتېگىيەلىك خاراكتېرى، ئۆزئارا تولۇقلاش خاراكتېرى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش خاراكتېرى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. جۇڭگو تەرەپ مېكسىكا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكا ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىدىكى «بەش چوڭ قۇرۇلۇش»نى ئورتاق ياخشى يولغا قويۇپ، جۇڭگو-مېكسىكا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، جۇڭگوبىلەن لاتىن ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقى، ئورتاق گۈللىنىشىگە ھەقىقىي تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
جاۋ لېجى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن مېكسىكا ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىسىدىن مۇئامىلە قىلىپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە داۋاملىق ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە قوللىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ مېكسىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلغانلىقىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ. مېكسىكا تەرەپنىڭ جانلىق شەكىلدە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشقا قاتنىشىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەنئەنىۋى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئورتاق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، توكلۇق ئاپتوموبىل، يېڭى ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشىنى؛ ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، مائارىپ، ئاقىللار ئامبىرى، ئاخبارات-تاراتقۇ قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى قارشى ئالىدۇ.
جاۋ لېجى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو-مېكسىكا قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى ئۇزاق مۇددەت دوستانە ئۆتتى، ئىككى تەرەپ قۇرغان سۆھبەت مۇنبىرى ھازىرغىچە بەش قېتىم يىغىن ئۆتكۈزدى. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مېكسىكا فېدېراتسىيە پارلامېنتىنىڭ ئىككى پالاتاسى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سۆھبەت مۇنبىرى، دوستلۇق گۇرۇپپىسى قاتارلىق سۇپىلارنىڭ رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ كۆپ قاتلام، كۆپ ساھەدىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دېموكراتىيە-قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى قاتارلىق تەجرىبىلەردىن ئورتاقلىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى قانۇن كاپالىتى بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ.
جاۋ لېجى جۇڭگو تەرەپنىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ مېكسىكا قاتارلىق لاتىن ئامېرىكا ۋە كارب دۆلەتلىرى بىلەن ئوخشاشلا جەنۇبىي يېرىم شار دۆلەتلىرىنىڭ مۇھىم ئەزاسى، قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشتىن ئىبارەت شەرەپلىك ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تەرەققىيات، گۈللىنىش ھوقۇقىنى قوغداپ، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشى كېرەك. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مېكسىكا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ھەرقايسى دۆلەت پارلامېنتلىرى ئىتتىپاقى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك مېخانىزملاردىكى ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىشىشىنى ھەقىقىي ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ.
گۇتېررېس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مېكسىكا بىلەن جۇڭگو ئوخشاشلا قەدىمىي مەدەنىيلىك دۆلىتى، ئىككى دۆلەت خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرىدۇ. مېكسىكا بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسىنى قوللايدۇ، جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكا مۇنبىرى يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىساد، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت، مائارىپ، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. مېكسىكا توسۇق پەيدا قىلىش ئەمەس، بەلكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى قوللايدۇ. مېكسىكا ئاۋام پالاتاسى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان ئالاقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مېكسىكا-جۇڭگو، لاتىن ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ.