«شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشكە دائىر ماقالىلەر توپلىمى»نىڭ 11 ـ قىسمىدىن 15 ـ قىسمىغىچە نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2025.05.20 14:29 مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت ـ ئەسەرلەر تەتقىقات ئورنى تەھرىرلىگەن «شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشكە دائىر ماقالىلەر توپلىمى»نىڭ 11 ـ قىسمىدىن 15 ـ قىسمىغىچە يېقىندا مەركىزىي كومىتېت ھۆججەت ـ ئەسەرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.

بۇ كىتابنىڭ 11 ـ قىسمىدىن 15 ـ قىسمىغىچە مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت ـ ئەسەرلەر تەتقىقات ئورنى 2023 ـ يىلى 11 ـ ئايدىن بۇيان يېزىشقا تەشكىللىگەن ھەم خەلق گېزىتى، «ئىزدىنىش» ژۇرنىلى قاتارلىقلاردا ئېلان قىلىنغان جەمئىي 29 پارچە يۈرۈشلۈك نەزەرىيە تەشۋىقات ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، تەخمىنەن 230 مىڭ خەت. بۇ ماقالىلەردە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئالاقىدار مۇھىم بايانلىرىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش چۆرىدىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى سىستېمىلىق تەتقىق قىلىش، ئىلمىي چۈشەندۈرۈش تىرىشىپ ئالغا سىلجىتىلغان. بۇ كىتابنىڭ 1 ـ قىسمىدىن 5 ـ قىسمىغىچە، 6 ـ قىسمىدىن 10 ـ قىسمىغىچە ئايرىم ـ ئايرىم 2020 ـ يىلى ۋە 2023 ـ يىلى نەشر قىلىپ تارقىتىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ