جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا «15 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى: بەش يىللىق يىرىك پىلاننى ئىلمىي تۈزۈش ۋە داۋاملىق يولغا قويۇش پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى بىر مۇھىم تەجرىبىسى، شۇنداقلا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ بىر مۇھىم سىياسىي ئەۋزەللىكى. «15 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا ئەھمىيىتى زور. ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش، قانۇن بويىچە تەدبىر بەلگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش بىلەن خەلقتىن ئەقىل سوراشنى بىرلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، دەلىللەشنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق خەلق ئاممىسى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەنىڭ پىكىر ـ تەكلىپلىرىنى ئاڭلاپ، كادىرلار، ئاممىنىڭ ئەمەلىيەت داۋامىدا ياراتقان يېڭى تەجرىبىلىرىنى تولۇق قوبۇل قىلىپ، نىشان ـ ۋەزىپىلەر ۋە سىياسەت ـ تەدبىرلەرنىڭ سىستېمىلىقلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى، ماسلىشىشچانلىقىغا ئەھمىيەت بېرىپ، يىرىك پىلاننى تۈزۈش خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاش كېرەك.
دۆلىتىمىز 2026 ـ يىلىدىن باشلاپ «15 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى يولغا قويىدۇ، نۆۋەتتە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «15 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپىنى تەشكىللەپ تۈزۈۋاتىدۇ. شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە يىرىك پىلان تەكلىپىنى تۈزۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، ئالاقىدار تەرەپلەر يېقىنقى مەزگىلدە كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق كادىرلار، ئامما، مۇتەخەسسىس، ئالىملار قاتارلىقلاردىن «15 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش توغرىسىدا پىكىر ـ تەكلىپ ئالىدۇ.