شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو - دانىيە سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇلىغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، جۇڭگو - دانىيە سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى ھەم ئۇنىڭغا ئەزا كارخانىلارنى جۇڭگو - دانىيە، جۇڭگو − ياۋروپا ئىتتىپاقى دوستلۇقىنى كۈچەيتىش ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: خېتىڭىزدىن سىزنىڭ جۇڭگوغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىڭىزنى ۋە دانىيەنىڭ جۇڭگودىكى كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا بولغان ئىشەنچىسىنى ھېس قىلدىم، مەن بۇنى تەرىپلەيمەن. جۇڭگو ئىلگىرى چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك، بىخەتەر، ئىستىقباللىق مەبلەغ سېلىش مەنزىلى ئىدى، ھازىرمۇ شۇنداق، كەلگۈسىدىمۇ مۇقەررەر شۇنداق بولىدۇ، جۇڭگوغا ئىشەنگەنلىك ئەتىگە ئىشەنگەنلىك، جۇڭگوغا مەبلەغ سالغانلىق كەلگۈسىگە مەبلەغ سالغانلىق. جۇڭگو - دانىيە سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى ھەم ئۇنىڭغا ئەزا كارخانىلارنىڭ داۋاملىق تۈردە جۇڭگو - دانىيە، جۇڭگو − ياۋروپا ئىتتىپاقى ئارىسىدا كۆۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو - دانىيە، جۇڭگو − ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە دوستلۇقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
يېقىندا، جۇڭگو - دانىيە سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇلى ئۆز نامىدا ۋە سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى نامىدا رەئىس شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، جۇڭگو بىلەن دانىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەپ، جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارزۇسىنى بىلدۈردى.