7 ـ قېتىملىق مەملىكەتلىك ئۆزىنى كۈچەيتىش نەمۇنىچىلىرى ۋە مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش ئىلغارلىرىنى تەقدىرلەش يىغىنى 5 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بەردى، 35 ـ قېتىملىق مەملىكەتلىك مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش كۈنى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن تەقدىرلەنگەن مەملىكەتلىك ئۆزىنى كۈچەيتىش نەمۇنىچىلىرى ۋە مېيىپلەر خىزمىتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ، ئىلغار شەخسلەرنى تەبرىكلىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ مېيىپلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، مېيىپلەر خىزمەتچىلىرىگە سالام يوللىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مېيىپلەر جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم كۈچ، شۇنداقلا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشكە، ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپى. يېڭى مۇساپىدە، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مېيىپلەر ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمى ۋە غەمخورلۇق مۇلازىمەت سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مېيىپلەرنىڭ باراۋەر ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈپ، مېيىپلەر ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتلەر مېيىپلەر خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مېيىپلەرگە قارىتىلغان ئاممىۋى مۇلازىمەت سۈپىتىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن جەمئىيەت مېيىپلەرنى چۈشىنىدىغان، ھۆرمەتلەيدىغان، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، ياردەم بېرىدىغان ياخشى كەيپىيات ۋە مۇھىتنى پائال يارىتىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك مېيىپلەر بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ مېيىپلەر خىزمەتچىلىرى مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ مېيىپلەرنىڭ ئىشىنىدىغان، تايىنىدىغان قەلبدىشى، سىردىشى بولۇشى كېرەك. كەڭ مېيىپلەرنىڭ ئۆزىنى كۈچەيتىش نەمۇنىچىلىرىدىن مەنىۋى كۈچ قوبۇل قىلىپ باتۇرلۇق بىلەن قىيىنچىلىق، خىرىسلارنى يېڭىپ، كىشىلىك ھايات ئارزۇسىغا پائال ئىنتىلىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
يىغىندىن ئىلگىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى چياڭ يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى ھەم كۆپچىلىك بىلەن سۈرەتكە چۈشتى.
دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى، گوۋۇيۈەن مېيىپلەر خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شېن يىچىن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەم يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى يەتكۈزدى. ئارقىدىن، ئۇ سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى چوڭقۇر مېھىر ـ مۇھەببەتكە تولغان، ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول بولۇپ، كەڭ مېيىپلەر ۋە مېيىپلەر خىزمەتچىلىرىنى ئىنتايىن زور ئىلھاملاندۇردى ۋە رىغبەتلەندۈردى. باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، چىن ھېسسىيات، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مېيىپلەرگە غەمخورلۇق قىلىش، يار ـ يۆلەك بولۇش ۋە ئۇلارنىڭ ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مېيىپلەرنى ئۆزىنى كۈچەيتىش، ئۆزىگە تايىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، پۈتۈن جەمئىيەتنى مېيىپلەرنى يۆلەش، مېيىپلەرگە ياردەم بېرىشكە سەپەرۋەر قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە مېيىپلەر ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مېيىپلەرنى تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، يېتەكلەش ۋە ئۇلارنى قوللاش، ئۇلارغا ياردەم بېرىش كېرەك.
يىغىندا 200 نەپەر «مەملىكەتلىك ئۆزىنى كۈچەيتىش نەمۇنىچىسى»، 200 «مەملىكەتلىك مېيىپلەر خىزمىتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ» ۋە 60 نەپەر «مەملىكەتلىك مېيىپلەر خىزمىتىدىكى ئىلغار شەخس» تەقدىرلەندى. بېيجىڭ شىنشېڭمىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش، مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى تاڭ جەنشىن، نىڭشيا ۋۇجۇڭ شەھىرى خۇڭسىبۇ رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ كېڭەش باشلىقى ما گۇاڭبۇ، ئېلېكتىرون پەن ـ تېخنىكا داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى شۈ پېڭ قاتارلىق ئۈچ نەپەر مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىلى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا يىغىندا سۆز قىلدى.
جاڭ چىڭۋېي، خې باۋشياڭ ۋە جاڭ شېڭمىن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەم يىغىنغا قاتناشتى، ۋۇ جېڭلۇڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.