شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى «2025-يىللىق دۇنيا ئىقتىسادى ۋەزىيىتى ۋە ئىستىقبالىنى يىل ئىچىدە يېڭىلاش» ناملىق دوكلاتنى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 2025-يىل 1-ئايدا مۆلچەرلەنگەندىن بۇيان، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئىستىقبالى كۆرۈنەرلىك ناچارلاشتى. تاموژنا بېجىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى ۋە سودا سىياسىتىنىڭ ئېنىقسىزلىقى تەمىنات زەنجىرىگە بېسىم پەيدا قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى ئۆستۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىشىنىڭ ئاستىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تەرەققىي تاپقان ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرگە تەسىر كۆرسەتتى.
دوكلاتتا مۆلچەرلىنىشىچە، 2025-يىلى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئاستىلاپ %2.4 كە چۈشۈپ، 2024-يىلىدىكى %2.9 لىك ئېشىش سۈرئىتىدىن كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدىكەن. سودىغا تايىنىشچانلىقى بىرقەدەر كۈچلۈك بولغان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئېكسپورت ئازىيىش، كۆپ مىقدارلىق تاۋارلارنىڭ باھاسى چۈشۈش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مۇھىتى تارىيىش ۋە قەرز يۈكى ئېغىرلىشىش قاتارلىق كۆپ خىل خىرىسقا دۇچ كېلىدىكەن. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنىڭ ئاجىز بولۇشى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات نىشانىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا يەنىمۇ توسقۇنلۇق قىلىپ، نامراتلىق ۋە باراۋەرسىزلىكنى كۈچەيتىۋېتىدىكەن ھەمدە يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشكە مەبلەغ سېلىشنى چەكلەپ قويىدىكەن.