5 -ئاينىڭ 14-كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى سەي چى بېيجىڭدا موڭغۇلىيە خەلق پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى سودباتېر باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى.
سەي چى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ كۈرىلسۇخېنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو-موڭغۇلىيە مۇناسىۋىتى ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، تىنچ بىللە تۇرىدىغان، ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئالىدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش يۆنىلىشىگە قاراپ پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىدى. جۇڭگو تەرەپ موڭغۇلىيە تەرەپ بىلەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەلەر ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇش ۋە سۆھبەتلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق ئاممىسى، بولۇپمۇ ياشلارنىڭ دوستانە ئالاقىنى كېڭەيتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ.
سۇدباتېر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: موڭغۇلىيە-جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى قوشنا دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. موڭغۇلىيە-جۇڭگونىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش موڭغۇلىيە دىپلوماتىيەسىنىڭ ئالدىنقى يۆنىلىشى. موڭغۇلىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، مەنپەئەت يەتكۈزۈش، سىغدۇرۇشچان بولۇشتىن ئىبارەت ئەتراپ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى ئالقىشلايدۇ ۋە ئۇنى قوللايدۇ، پارتىيەنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، موڭغۇلىيە بىلەن جۇڭگونىڭ سىياسىي ئىستراتېگىيە جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.