جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ 5 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى بېيجىڭدا جۇڭگو ـ لاتىن ئامېرىكىسى مۇنبىرى 4 ـ نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن كولومبىيە زۇڭتۇڭى پېترو بىلەن كۆرۈشتى.
ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ سىز بىلەن مول نەتىجىلىك ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، كولومبىيە «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىغا قاتنىشىش قاتارلىق مۇھىم ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن كولومبىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 45 يىللىقى. جۇڭگو تەرەپ كولومبىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو-كولومبىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش بۇنىڭ ئۈچۈن پائال رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.
پېترو مۇنداق بىلدۈردى: بۈگۈنكى دۇنيا داۋالغۇپ ئەنسىز بولۇۋاتىدۇ ، ھەرقايسى دۆلەتلەر قول تۇتۇشۇپ تىنچلىقنى قوغدىشى، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. لاتىن ئامېرىكىسى بىلەن جۇڭگو تەبىئىي يېقىنلىق تۇيغۇسىغا ئىگە، شۇڭا تېخىمۇ بىر سەپتە تۇرۇشى كېرەك. كولومبىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كولومبىيە-جۇڭگو ۋە لاتىن ئامېرىكىسى-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
شۇ كۈنى، ۋاڭ خۇنىڭ بېيجىڭدا زىمبابۋې ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى مۇدېندا بىلەن كۆرۈشتى.
ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇلتۇر، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگوغا جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ھەم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن زۇڭتۇڭ منانگاگۋا بىلەن چوڭقۇر دوستانە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، جۇڭگو-زىمبابۋې مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك قىلدى. جۇڭگو تەرەپ زىمبابۋې تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇرسەت بىلىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ يۇقىرى سەۋىيەلىك جۇڭگو-زىمبابۋې تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ. جۇڭگو مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.
مۇدېندا مۇنداق بىلدۈردى: زىمبابۋې تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ قىممەتلىك مەدەت بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە سەمىمىي رەھمەت ئېيتىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ھۆكۈمەت ۋە خەلق ئىچى قاتارلىق ھەرقايسى قاتلاملاردىكى ئالماشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئېنېرگىيە، ئادىمىيەت، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. زىمبابۋې ئاۋام پالاتاسى جۇڭگو مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشى بىلەن بولغان دوستانە ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.
خۇ چۈنخۇا، ۋاڭ دۇڭفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.