دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ 5-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭدا چىلى زۇڭتۇڭى بورىچ بىلەن كۆرۈشتى.
خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن چىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 55 يىللىقى ۋە ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، ئۇزاقتىن بۇيان لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرۇپ كەلدى. رەئىس شى جىنپىڭ يېقىندا سىز بىلەن مول نەتىجىلىك ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو-چىلى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى. جۇڭگو تەرەپ چىلى تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-چىلى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.
بورىچ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چىلى-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق. چىلى تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا پائال قاتنىشىپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىقتىساد، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، پەن-تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، كۆپ تەرەپچىلىك ۋە دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداشنى خالايدۇ.