5 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئانتونى ئالبانېسقا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ئاۋسترالىيە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىلىقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەن ئۈچ يىلدا، مەن زۇڭلى ئەپەندى بىلەن ئۇچرىشىپ، جۇڭگو ـ ئاۋسترالىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك، ئومۇمىيلىق، يۆنىلىش خاراكتېرلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ ھەم مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك قىلدۇق. جۇڭگو ـ ئاۋسترالىيە ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. مەن ئالبانېس زۇڭلى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو ـ ئاۋسترالىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.
شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ ئالبانېسقا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ ئاۋسترالىيە يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە، تېخىمۇ پىشىپ يېتىلگەن، مۇقىم بولغان، تېخىمۇ مول نەتىجىلىك بولغان جۇڭگو ـ ئاۋسترالىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.