شى جىنپىڭ چىلى زۇڭتۇڭى بورىچ بىلەن كۆرۈشتى

2025.05.15 15:08 مەنبە: خەلق تورى

5 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا جۇڭگو − لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى مۇنبىرى 4 - نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن چىلى زۇڭتۇڭى بورىچ بىلەن كۆرۈشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شياڭ فوتوسى

5 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا جۇڭگو − لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى مۇنبىرى 4 - نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن چىلى زۇڭتۇڭى بورىچ بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن چىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 55 يىللىقى. 55 يىل ئىلگىرى، ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، سوغۇق ئۇرۇش تۇمانلىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، يېڭى جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلەتلىرىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش مۇقەددىمىسىنى ئاچتى. يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو - چىلى مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت بۇ پاراخوت باشتىن - ئاخىر دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ئېقىنىغا يېتەكچىلىك قىلدى. جۇڭگو بىلەن چىلى ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ دەۋر ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرىنىڭ ئورتاق تەرەققىيات ئۆرنىكىنى، جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ چىلى تەرەپ بىلەن سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە بىر - بىرىنى قەتئىي قوللاپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىق يىرىك پىلانىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق، كەسىپلەر سېلىنمىسى، ئۇل ئەسلىھە، يېشىل قېزىلما بايلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاسترونومىيە، قۇتۇپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، بىيوتېببىي دورا، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ چىلىغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشىنى قوللايدۇ، چىلىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىغا كىرىشىنى قارشى ئالىدۇ. ئىككى تەرەپ مەدەنىيلىك جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، مائارىپ، مەدەنىيەت، تاراتقۇ، ياشلار قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، خادىملارنىڭ بېرىش - كېلىشىگە قولايلىق يارىتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى بولغان جەمئىيەت خەلق رايى ئاساسىنى سېلىشى كېرەك. ھازىر، خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ، يەككە تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىق تەتۈر ئېقىمى ئەۋج ئېلىپ، خەلقئارا ئىقتىساد - سودا تەرتىپىگە ئېغىر زەربە پەيدا قىلدى. كۆپ تەرەپچىلىك ۋە ئەركىن سودىنى قەتئىي قوغدىغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو بىلەن چىلى كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك.

بورىچ مۇنداق بىلدۈردى: چىلى جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. جۇڭگو چىلىنىڭ ئەڭ مۇھىم سودا ھەمراھى بولۇپ قالدى، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت ياراتتى. چىلى تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن سودا، سېلىنما، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، چىلى - جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ھەرقايسى دۆلەتلەر ئەركىن سودا ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك، سودا بىر دۆلەتنىڭ شەخسىي مەنپەئىتى ئۈچۈنلا خىزمەت قىلماسلىقى كېرەك، سودا ئۇرۇشى قوزغاشنىڭ چىقىش يولى يوق. چىلى تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، كۆپ تەرەپچىلىك ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ.

ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

بورىچ جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، ئىككى تەرەپ ئىقتىساد، نەشرىيات، تەكشۈرۈش - كارانتىن، تاراتقۇ ئاقىللار ئامبىرى قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ