5 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدىكى دۆلەت يىغىن مەركىزىدە جۇڭگو − لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى مۇنبىرى 4 ـ نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يىن بوگۇ فوتوسى
5 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدىكى دۆلەت يىغىن مەركىزىدە جۇڭگو − لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى مۇنبىرى 4 ـ نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار بىلەن كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ خەيتاۋ فوتوسى
5 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ دۆلەت يىغىن مەركىزىدە جۇڭگو − لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى مۇنبىرى 4 ـ نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق جاكارلىدى: جۇڭگو تەرەپ لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ بەش چوڭ قۇرۇلۇشنى باشلاپ، تەرەققىيات، گۈللىنىش ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، بىرلىكتە جۇڭگو − لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىدۇ.
باش يازدا ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تۇراتتى. دۆلەت يىغىن مەركىزىدە، جۇڭگو، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرىنىڭ دۆلەت بايراقلىرى ھەم ئالاقىدار رايون تەشكىلاتلىرىنىڭ بايراقلىرى بىر ـ بىرىگە ھۆسن قوشۇپ تۇراتتى.
شى جىنپىڭ لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى كولۇمبىيەنىڭ زۇڭتۇڭى پېترو، بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى لۇلا، چىلى زۇڭتۇڭى بورىچ، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ھەم رايون تەشكىلاتلىرى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ ئۆمەك باشلىقلىرى بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ھەم كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشتى.
قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، شى جىنپىڭ «جۇڭگو − لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتەيلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 2015 ـ يىلى، مەن لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە، بېيجىڭدا جۇڭگو − لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى مۇنبىرى تۇنجى نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، جۇڭگو − لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى مۇنبىرى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغانىدىم. ئون يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ كۆڭۈل قويۇپ يېتىلدۈرۈشى بىلەن، جۇڭگو − لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى مۇنبىرى بىر تۈپ يۇمران كۆچەتتىن قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان چوڭ دەرەخكە ئايلاندى. ئىككى تەرەپ قول تۇتۇشۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، بىر ـ بىرىنى قوللىدى، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب رايونىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەتلەر بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇردى، جۇڭگو تەرەپ قەتئىي تۈردە لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى تەرەپنىڭ ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قوللايدۇ، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقىنى قوغدىشىنى، سىرتنىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇشىنى قوللايدۇ؛ ئىككى تەرەپ باتۇرلۇق بىلەن دەۋرنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىپ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىپ، سودا، سېلىنما، پۇل مۇئامىلە، پەن ـ تېخنىكا، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلدى؛ ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ھەمكارلىقىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، قارا بوران، يەر تەۋرەش قاتارلىق تەبىئىي ئاپەت ۋە ئەسىر يۇقۇمىغا قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇردى؛ ئىككى تەرەپ ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئورتاق قوغداپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ دېموكراتىيەلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئىلگىرىلەيدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە ئايلاندى، ئۇنىڭ روشەن ئاساسىي رېڭى باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىش، قەلبىگە پۈككەن پەزىلىتى ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش، تۈپ ئىنتىلىشى خەلققە بەخت يارىتىش بولۇپ، جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە ۋە كەڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر دۇنيادا يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، كۆپ تەكرارلىنىدىغان خەۋپ ـ خەتەر گىرەلىشىپ ئۈستىلەندى، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلاشقاندىلا، ئاندىن دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداپ، دۇنيانىڭ تەرەققىي قىلىشى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. تاموژنا بېجى ئۇرۇشى، سودا ئۇرۇشىدا يەڭگۈچى بولمايدۇ، زومىگەرلىك، زوراۋانلىق پەقەت ئۆزىنى يېتىم قالدۇرىدۇ. جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرىنىڭ ھەممىسى يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى مۇھىم ئەزالار، مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش بىزنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىمىز، تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىش بىزنىڭ تەبىئىي ھوقۇق ـ مەنپەئىتىمىز، ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىق بىزنىڭ ئورتاق ئىنتىلىشىمىز. جۇڭگو تەرەپ لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ بەش چوڭ قۇرۇلۇشنى باشلاپ، تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىش ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، جۇڭگو − لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.
بىرىنچى، ئىتتىپاقلىق قۇرۇلۇشى. بىر ـ بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە بىر ـ بىرىنى داۋاملىق تۈردە قەتئىي قوللايدۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما ۋە خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قەتئىي قوغدايدۇ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا ئورتاق سادا ياڭرىتىدۇ. كەلگۈسى ئۈچ يىلدا، جۇڭگو تەرەپ ھەر يىلى لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ پارتىيە كادىرىدىن 300نى جۇڭگوغا كېلىپ تەكشۈرۈش ۋە زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلىدۇ.
ئىككىنچى، تەرەققىيات قۇرۇلۇشى. دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئورتاق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قەتئىي قوغدايدۇ، دۇنياۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى، راۋانلىقىنى قەتئىي قوغدايدۇ، ئېچىۋېتىلگەن، ھەمكارلىشىدىغان خەلقئارا مۇھىتنى قەتئىي قوغدايدۇ. تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىدۇ. جۇڭگو تەرەپ لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى تەرەپنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىپ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرىگە مەبلەغ سېلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشىگە ئىلھام بېرىدۇ.
ئۈچىنچى، مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى. دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئورتاق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، سۆھبەتلىشىش، سىغدۇرۇشچان بولۇشتىن ئىبارەت مەدەنىيلىك قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، تىنچلىق، تەرەققىيات، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىكتىن ئىبارەت پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان قىممەتنى ئەۋج ئالدۇرىدۇ. جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرىنىڭ مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو − لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى مەدەنىيلىك سۆھبىتى يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ.
تۆتىنچى، تىنچلىق قۇرۇلۇشى. دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى ئورتاق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپەتنى تىزگىنلەش، تور بىخەتەرلىكى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، زەھەر چەكلەش، دۆلەت ھالقىغان تەشكىللىك جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ رايون خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى قوغدايدۇ.
بەشىنچى، خەلق رايى قۇرۇلۇشى. كەلگۈسى ئۈچ يىلدا، جۇڭگو تەرەپ لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسىگە ئەزا دۆلەتلەرنى ھۆكۈمەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بويىچە 3500 سان، جۇڭگوغا كېلىپ تەربىيەلىنىش بويىچە 10 مىڭ سان، خەلقئارا جۇڭگو تىل ـ يېزىقى ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇش مۇكاپاتى بويىچە 500 سان، نامراتلارنى ئازايتىش تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش بويىچە 300 سان، «خەنزۇ تىلى كۆۋرۈكى» تۈرىدىكى جۇڭگوغا كېلىدىغان ئۆمەك ـ گۇرۇپپىلار بويىچە 1000 سان بىلەن تەمىنلەپ، «ئاددىي ھەم گۈزەل» خەلق تۇرمۇشى تۈرىدىن 300نى يولغا قويۇپ، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگو تىل ـ يېزىقى مائارىپىنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپ تۇنجى تۈركۈمدە لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب رايونىدىكى بەش دۆلەتكە ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويىدۇ ھەم بۇ رايوندىكى دۆلەتلەرنى قاپلاش دائىرىسىنى مۇۋاپىق پەيتتە كېڭەيتىدۇ.
شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق تەكىتلىدى: خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو باشتىن ـ ئاخىر لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرىنىڭ ياخشى دوستى، ياخشى ھەمراھى بولۇپ، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى تەرەپ بىلەن ئۆزلىرىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو − لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقىدۇ.
لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى كولۇمبىيەنىڭ زۇڭتۇڭى پېترو، بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى لۇلا، چىلى زۇڭتۇڭى بورىچ، يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقى، بىرازىلىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى روسسېف ئايرىم ـ ئايرىم سۆز قىلدى. لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ مۇۋەققەت نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى ئۇرۇگۋاينىڭ زۇڭتۇڭى ئولسىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى زۇڭتۇڭنىڭ تەبرىك خېتىنى ئوقۇپ ئۆتتى. ئۇلار لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى − جۇڭگو ئورتاق گەۋدىسى مۇنبىرىنىڭ ئون يىللىق تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مول نەتىجىلەرگە يۈكسەك باھا بەردى، جۇڭگونىڭ لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى − جۇڭگو ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇش، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قوشقان زور تۆھپىسىنى ئالقىشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ھەرقايسى تەرەپلەر قەتئىي تۈردە بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ھەرقايسى تەرەپلەر مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسى ۋە ئۈچ چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇس دۇنيا ئۈچۈن تىنچ، گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان پارلاق مەنزىل ئېچىپ بەردى. ئېنىقسىزلىققا تولغان دۇنيا ئالدىدا، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى جۇڭگو بىلەن قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، جاپا ـ مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى − جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى − جۇڭگو ھەمكارلىقىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشى كېرەك. لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى بىلەن جۇڭگو ئىككى تەرەپ بىر ـ بىرىنى ھۆرمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قارشى تەرەپنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغدىشى ۋە تەرەققىيات يولىنى ئۆز ئالدىغا تاللىشىنى قەتئىي قوللىشى كېرەك؛ لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب رايونىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سودا، سېلىنما، ئۇل ئەسلىھە، يېزا ئىگىلىكى، پەن ـ تېخنىكا، يېڭى ئېنېرگىيە، مائارىپ جەھەتتىكى ھەمكارلىققا تۈرتكە بولۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك؛ مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، سۆھبەتلىشىشكە تۈرتكە بولۇپ، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى خەلقى بىلەن جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى، ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك؛ قەتئىي تۈردە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نوپۇزىنى قوغدىشى، دۇنيا ۋە رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغدىشى، كۆپ تەرەپچىلىكنى، ئەركىن سودىنى قوللىشى، يەككە تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىق، زوراۋانلىق سىياسىيسى ۋە مۇشتۇمزورلۇق قىلمىشىغا قارشى تۇرۇپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك.
شۇ كۈنى چۈشتە، شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشقان لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى تەرەپ رەھبەرلىرى ھەم ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ ئۆمەك باشلىقلىرى ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.
سەي چى، يىن لى قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
ۋاڭ يى ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.