5 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا جۇڭگو − لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى مۇنبىرى 4 - نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن كولومبىيە زۇڭتۇڭى پېترو بىلەن كۆرۈشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى
5 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا جۇڭگو − لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى مۇنبىرى 4 - نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن كولومبىيە زۇڭتۇڭى پېترو بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: كولومبىيە لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسىدىكى مۇھىم دۆلەت، جۇڭگو تەرەپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە ئەزەلدىن ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلىپ كەلدى ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇردى. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن كولومبىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 45 يىللىقى. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، جۇڭگو تەرەپ كولومبىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلىشى كېرەك. كولومبىيەنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىش چوڭ ئائىلىسىگە رەسمىي قوشۇلغانلىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ كولومبىيەنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى خالايدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ كولومبىيەگە بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىنى قوللايدۇ. ئىككى تەرەپ شامال ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، رەقەملىك ئىقتىساد، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرسا بولىدۇ. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقنىڭ 45 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، مائارىپ، مەدەنىيەت، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە خەلق رايى ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو − لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، دۇنيانىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە ۋە تارىخنىڭ ئېقىنىغا ئۇيغۇن، جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. جۇڭگو − لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى مۇنبىرى 4 - نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشى دۇنياغا تەرەققىيات، گۈللىنىش ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىشنىڭ ئاكتىپ سىگنالىنى قويۇپ بەردى. كولومبىيە لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە مۇھىم تۆھپە قوشتى. جۇڭگو تەرەپ كولومبىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو − لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو − لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.
پېترو مۇنداق بىلدۈردى: كولومبىيە بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، كولومبىيە تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى چوڭقۇر راۋاجلاندۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىككى تەرەپ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا قوللاشنى كۈچەيتىشى كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىپ، سودا، ئۇل ئەسلىھە، يېڭى ئېنېرگىيە، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشى كېرەك. ھازىر، خەلقئارا ۋەزىيەت مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان، ئايرىم دۆلەتلەرنىڭ پايدىنىلا كۆزلەش ئۇسۇلى دۇنياغا پايدىسىز، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. كولومبىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن زىچ ماسلىشىپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداشنى خالايدۇ.
كۆرۈشۈشتىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى بىلەن كولومبىيە جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ۋە 21 - ئەسىر دېڭىز ئۈستى يىپەك يولى قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى ھەمكارلىق يىرىك پىلانى»نىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.
ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.