سانا خەۋىرى: يەمەندىكى خۇسەي قوراللىق كۈچلىرى كونتروللۇقىدىكى ماسىلا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 28-چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئارمىيەسى شۇ كۈنى سەھەردە يەمەننىڭ شىمالىدىكى سادا ئۆلكىسىدىكى بىر تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، 68 ئادەمنىڭ قازا قىلىشى، 47 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ ھەممىسى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىگە قامالغان ئافرىقىدىن كەلگەن قانۇنسىز كۆچمەنلەر ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا ئارمىيەسى قويۇپ بەرگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا پارتلىمىغان، خۇسەي قوراللىق خادىملىرى بىر تەرەپ قىلىۋېتىپتۇ.
خۇسەي قوراللىق كۈچلىرى ماسىلا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ: بۇ تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىنى خەلقئارا كۆچمەنلەر تەشكىلاتى ۋە قىزىل كىرېست خەلقئارا كومىتېتى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ دېدى ھەمدە ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمى «كىشىنى غەزەپلەندۈرىدىغان جىنايەت» دەپ ئەيىبلىدى.
ئامېرىكا 3-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ خۇسەي قوراللىق كۈچلىرىگە كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قىلدى، خۇسەي قوراللىق كۈچلىرى ئارقىدىن ئامېرىكىنىڭ ئاۋىياماتكىسى ۋە ئۇنىڭ يانداش پاراخوتلىرىغا زەربە بەردى.