شى جىنپىڭ ئەزەربەيجان زۇڭتۇڭى ئەلىيېف بىلەن سۆھبەتلەشتى

2025.04.24 14:16 مەنبە: خەلق تورى

4 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ئەزەربەيجان زۇڭتۇڭى ئەلىيېف بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئەلىيېف ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى ئەلىيېۋا بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى راۋ ئەيمىن فوتوسى

4 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ئەزەربەيجان زۇڭتۇڭى ئەلىيېف بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدىكى مەيداندا ئەلىيېف ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار دۇڭ شۆ، فېڭ شىنرەن) 4 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ئەزەربەيجان زۇڭتۇڭى ئەلىيېف بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو - ئەزەربەيجان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنى جاكارلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بىر مەقسەتتە بولغانلارغا يول يىراق بىلىنمەيدۇ. گەرچە خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش كۆپ يۈزبېرىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگو - ئەزەربەيجان مۇناسىۋىتى تۈمەن چاقىرىملىق مۇساپىدىن ھالقىپ، ئورتاق تونۇش ۋە زىچ ھەمكارلىقنى سىجىل ساقلاپ كەلدى، ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەندى. ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشتىكى ئەسلىي مەقسەتنى باشتىن - ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئادىل - ھەققانىي بولۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو - ئەزەربەيجان مۇناسىۋىتىگە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلدى ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇردى. ئىككى تەرەپ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىق يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىگە كۈچ قوشۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەردە ئۆزئارا قەتئىي قوللاش جۇڭگو ۋە ئەزەربەيجان ئىككى دۆلەتنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى، شۇنداقلا ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلاردا بولۇشقا تېگىشلىك مەزمۇن. جۇڭگو تەرەپ ئەزەربەيجان تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا داۋاملىق مېڭىشىنى قوللايدۇ. ئەزەربەيجان تەرەپ بىلەن قانۇن ئىجرا قىلىش بويىچە خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قەتئىي زەربە بېرىشنى خالايدۇ. جۇڭگو بىلەن ئەزەربەيجان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشتا مول نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي بەخت - سائادەت ئېلىپ كەلدى. يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. مائارىپ، مەدەنىيەت، ساياھەت، ياشلار، يەرلىك قاتارلىق جەھەتتىكى ھەمكارلىققا ئىلھام بېرىپ ۋە ئۇنى قوللاپ، خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنىڭ خەلق رايى ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: تاموژنا بېجى ئۇرۇشى، سودا ئۇرۇشى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يوللۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي تەرتىپىگە زەربە بېرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئەزەربەيجان تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما ۋە خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قوغداشنى، ئۆزىنىڭ يوللۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداشنى، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداشنى خالايدۇ.

ئەلىيېف مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگونىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتى تېز تەرەققىي قىلدى، خەلقئارادىكى ئورنى ۋە تەسىرى ئۈزلۈكسىز ئۆستى. گەرچە دۇنيا يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئەزەربەيجان بىلەن جۇڭگو باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا ئىشىنىپ، ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يەرلىكلەر ئالاقىسىنى كۈنسايىن قويۇقلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشتا تېز ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى. ئەزەربەيجان تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، تەيۋەننىڭ جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرىدۇ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن بارلىق تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسى ۋە ئۈچ چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇس دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىگە پايدىلىق، ئەزەربەيجان تەرەپ بۇنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، پائال قوللايدۇ. ئەزەربەيجان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى، رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل ئېنېرگىيە، پەن - تېخنىكا قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، پارتىيەلەر ھەم ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى»نى بىرلىكتە ئىمزالاپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش، يېشىل تەرەققىيات، رەقەملىك ئىقتىساد، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى، ئالەم قاتنىشى قاتارلىق ساھەلەر بويىچە 20 تۈرلۈك ھەمكارلىق ھۆججىتىنىڭ ئىمزالىنىشىغا گۇۋاھ بولدى.

سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدىكى مەيداندا ئەلىيېف ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى ئەلىيېۋا ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

ئەلىيېف يېتىپ كەلگەندە، مۇراسىم ئەسكەرلىرى سەپ تۈزۈپ ھۆرمەت بىلدۈردى. شى جىنپىڭ بىلەن ئەلىيېف پارات مۇنبىرىگە چىقتى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو ۋە ئەزەربەيجان ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى، تيەنئەنمېن مەيدانىدا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى. ئەلىيېف شى جىنپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ھۆرمەت قاراۋۇلى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى.

شۇ كۈنى چۈشتە، شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا ئەلىيېف ئەر - خوتۇن ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.

ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ