گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 4-ئاينىڭ 27-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، گۈزەل دەريا-كۆللەرنى قوغداش ۋە بەرپا قىلىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى، قىيىنچىلىقتا قالغان بالىلارنىڭ پاراۋانلىق كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە ئالاقىدار تەدبىرلەرنى مۇھاكىمە قىلدى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ داۋالاش كاپالىتى قانۇنى (لايىھە)»نى مۇزاكىرە قىلدى، جېجياڭ سەنمېن 3-قارارلىق قۇرۇلۇشى قاتارلىق يادرو ئېلېكتىر تۈرىنى تەستىقلاشنى قارار قىلدى.
يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سۈزۈك سۇنى قوغداش جېڭىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، دۆلىتىمىزنىڭ سۇ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتى سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى. مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بۇلغىنىشنى دەل جايىدا، ئىلمىي تۈزەش، بۇلغىنىشنى قانۇن بويىچە تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، سۇ بايلىقى، سۇ مۇھىتى، سۇ ئېكولوگىيەسىنى تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مۇھىم ۋادىلاردا يۇقىرى-تۆۋەن ئېقىن تۇتاشتۇرۇلغان، بىر گەۋدىلەشكەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تۈزەش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، دەريا-كۆللەرنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە بەرپا قىلىشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەنبەدىن تۈزەشنى چىڭ تۇتۇپ، چوڭ دەريا، مۇھىم كۆللەرنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، كۆزىتىپ ئۆلچەش، مەنبەدىن تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، سانائەت پاسكىنا سۈيى، تۇرمۇش پاسكىنا سۈيى، يېزا ئىگىلىكىنىڭ دائىرىلىك، مەنبەلىك بۇلغىنىشى قاتارلىق ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ بۇلغىما قويۇپ بېرىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، راۋانلاشتۇرۇش بىلەن توسۇشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كارخانىلارنى ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىش بويىچە ئۆزگەرتىشنى يولغا قويۇشقا يېتەكلەپ، يەرلىكنىڭ مۇھىت ئۇل ئەسلىھەلىرىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلىشىنى قوللاپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ دەريا-كۆللەرنى قوغداش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، گۈزەل دەريا-كۆللەرنى ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتەك ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: قىيىنچىلىقتا قالغان بالىلارنىڭ پاراۋانلىق كاپالىتىنى كۈچەيتىش بالىلارنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە، ئائىلىسىنىڭ ئىناق، بەختلىك بولۇشىغا، جەمئىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يۈكسىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك. بالىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە بالىلارغا ئەڭ پايدىلىق بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەت ۋە مېھىر-مۇھەببەت بىلەن قىيىنچىلىقتا قالغان بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئورتاق قوغداش كېرەك. ئاساسىي تۇرمۇش كاپالىتى، داۋالىنىش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئاساسىي ئاممىۋى مائارىپ، پىسخىكا ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش قاتارلىق مۇلازىمەت سىستېمىسىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قىيىنچىلىقتا قالغان بالىلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ، پاراۋانلىق كاپالىتى سەۋىيەسىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. جىسمانىي بىخەتەرلىكنى قوغداش سىستېمىسىنى مۇستەھكەملەپ، قىيىنچىلىقتا قالغان بالىلارغا زىيان يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش كېرەك. خىزمەتتە تەشەببۇسكارلىق، ئالدىن كۆرەرلىكنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، قىيىنچىلىقتا قالغان بالىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك.
يىغىندا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ داۋالاش كاپالىتى قانۇنى (لايىھە)»مۇزاكىرە قىلىندى ھەم پىرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللاندى، لايىھەنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ قېتىمقى قانۇن چىقىرىشنى پۇرسەت بىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ داۋالىنىش كاپالىتى سىياسەت سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ئۈنۈملۈك قوغداپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كېسىلى بولسا داۋالىنالايدىغان بولۇش تۈزۈم ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ساختا دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش، يالغاندىن دورا سېتىۋېلىش قاتارلىق ئالدامچىلىق، سۇغۇرتا ئالدامچىلىقى قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك. قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىق-تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، داۋالاش ئاپپاراتلىرى، تېببىي خادىملار ۋە ئاممىنىڭ قانۇنغا رىئايە قىلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، داۋالىنىش تەرتىپى ۋە داۋالاش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يادرو ئېلېكتىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چوقۇم بىخەتەرلىكتە ھېچقانداق چاتاق چىقماسلىققا كاپالەتلىك قىلىپ، قۇرۇلۇشقا قاتناشقان ئورۇنلار ۋە ئىگىدار ئورۇنلارنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى بىخەتەرلىك ئۆلچىمى بويىچە يادرو ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى قۇرۇپ ۋە تىجارەت قىلىپ، بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، يادرو ئېلېكتىر بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش تورىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملەش كېرەك.
يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.