14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15-يىغىنى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 1-ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى. كومىتېت باشلىقى جاۋ لېجى رىياسەتچىلىك قىلدى.
دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن 159 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، يىغىنغا قاتناشقانلار سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.
يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى شىن چۈنيىڭ بەرگەن پۇقراۋى ئىگىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇن لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. لايىھەنىڭ 3-قېتىم قاراپ چىقىلغان نۇسخىسىدا پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشقا ئالاقىدار تەدبىرلەر يەنىمۇ تولۇقلىنىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش كۈچەيتىلىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ قانۇنچىللىق مۇھىتى ئەلالاشتۇرۇلدى.
يىغىندا ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى سۇڭ بىن بەرگەن يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش قانۇنىنىڭ ئۆزگەرتىلگەن لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. لايىھەنىڭ 3-قېتىم قاراپ چىقىلغان نۇسخىسىدا گوۋۇيۈەن سەھىيە-ساغلاملىق مەسئۇل تارمىقى ۋە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تارمىقىنىڭ مەسئۇلىيىتى، ھوقۇق دائىرىسى؛ يۇقۇمنى تىزگىنلەشكە ئالاقىدار تەدبىرلەر ھەم قۇتقۇزۇش يوللىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە ئالاقىدار بەلگىلىمە قاتارلىقلار يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
يىغىندا ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى لو يۈەن بەرگەن يادرو ئېنېرگىيەسى قانۇنى لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. لايىھەنىڭ 2-قېتىم قاراپ چىقىلغان نۇسخىسىدا يادرو ئېنېرگىيەسىنى تەتقىق قىلىش، ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش پائالىيىتىدە ئاقىلانە، ماس، تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان يادرو خەۋپسىزلىكى قارىشىدا چىڭ تۇرۇش بەلگىلەندى؛ دۆلەتنىڭ يادرو تېخنىكىسىنى سانائەت، يېزا ئىگىلىكى، جانلىقلار، داۋالاش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قاتارلىق ساھەلەردە قوللىنىشنى قوللاش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى قاتارلىقلار تولۇقلاندى.
يىغىندا ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى ۋاڭ خۇڭشياڭ بەرگەن كېسىم قانۇنىنىڭ ئۆزگەرتىلگەن لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. لايىھەنىڭ 2-قېتىم قاراپ چىقىلغان نۇسخىسىدا دۆلەتنىڭ كېسىم جەھەتتىكى خەلقئارا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى قوللاش، كېسىم نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىش، سوت مەھكىمىسىنىڭ كېسىمنى قوللىشىغا ئالاقىدار تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، خەلقئارادا ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىۋاتقان قائىدىلەرگە پائال ئۇدۇللىشىش قاتارلىق بەلگىلىمىلەر كۆپەيتىلدى.
ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قانۇن دەستۇرىنى تۈزۈش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان مۇھىم، زور قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى ئورۇنلاشتۇرمىسى. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قانۇن دەستۇرىنى تۈزۈش ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قانۇن-تۈزۈم ئۆلچىمىنى سىستېمىلىق بىرىكتۈرۈش، تۈزۈش، تۈزىتىش، توپلاشتۇرۇپ يۈكسەلدۈرۈش ئارقىلىق شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنغان، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، دەۋر ئالاھىدىلىكىنى ئەكس ئەتكۈزىدىغان، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتكۈزىدىغان، سىستېمىلىق، قېلىپلاشقان، ماسلاشقان ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قانۇن دەستۇرى بولۇپ، بىر تۈرلۈك قانۇن چىقىرىش سىستېما قۇرۇلۇشى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قانۇن دەستۇرى لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شېن چۈنياۋ ئىزاھات بەردى.
دۆلەتنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈشنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ماكرو ئىگىلىكنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن دۆلەتنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانى قانۇن لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى. گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسى بىلەن دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جېڭ شەنجيې ئىزاھات بەردى.
تۈرمىلەرنىڭ بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاپ، تەربىيەلەش، ئۆزگەرتىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى ئازايتىش، يۇقىرى ساپالىق تۈرمە خەلق ساقچىلىرى قوشۇنى بەرپا قىلىش، يېڭى دەۋردىكى تۈرمە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنى تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن تۈرمە قانۇنىنىڭ ئۆگەرتىلگەن لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى. گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى خې رۇڭ ئىزاھات بەردى.
گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسى بىلەن خې رۇڭ گوۋۇيۈەنگە جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونىدا ئۇرۇقچىلىق قانۇنىغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى ۋاقىتلىق تەڭشەش، تەتبىقلاش ھوقۇقى بېرىش توغرىسىدا قارار لايىھەسى توغرىسىدا ئىزاھات بەردى.
گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسى بىلەن خې رۇڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئېفىئوپىيە فېدېراتسىيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ جازا ھۆكۈم قىلىنغۇچىلارنى يۆتكەپ باشقۇرۇش توغرىسىدىكى شەرتنامىسى»نى قاراپ چىقىپ تەستىقلاشقا سۇنۇش توغرىسىدا ئىزاھات بەردى.
گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسى بىلەن، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى خۇا چۈنيىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھلىقىنىڭ ھەق تەلەپ ۋە سودا ئىشلىرىدىكى قانۇن يۈرگۈزۈش جەھەتتە ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىش توغرىسىدىكى كېلىشىمى»نى قاراپ چىقىپ تەستىقلاشقا سۇنۇش توغرىسىدا ئىزاھات بەردى.
گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسى بىلەن، ئېكولوگىيە-مۇھىت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى خۇاڭ رۈنچيۇ 2024-يىللىق مۇھىت ئەھۋالى ۋە مۇھىت قوغداش نىشانىنىڭ ئورۇنلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات بەردى. دوكلاتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 2024-يىللىق ئېكولوگىيە-مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلاش كۆرسەتكۈچىنىڭ يىللىق نىشانى بىردەك ئوڭۇشلۇق تاماملاندى، بۇ، «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان-ۋاقىت تەرتىپى تەلىپىدىن ياخشى بولدى، ئاممىنىڭ ئېكولوگىيە-مۇھىتتىن رازى بولۇش دەرىجىسى ئۇدا تۆت يىل % 90 تىن ئاشتى. 2025-يىلى كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى سىجىل چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيە-مۇھىت سۈپىتىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش، سىجىل ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولىمىز.
گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسى بىلەن، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى لەن فوئەن 2023-يىللىق دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى قاراپ چىقىش پىكرىنى تەتقىق قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى ۋە تۈزىتىش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات بەردى. دوكلاتتا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىش پىكرى، ئالاقىدار نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى، تەكلىپى قاتارلىقلار سېلىشتۇرۇلۇپ، مۈلۈك تۈرى بويىچە ئايرىم-ئايرىم تەتقىق قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش پىكرى ۋە تۈزىتىش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى دوكلات قىلىنىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ماسلىشىش ۋە ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشتا بايقالغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش ئەھۋالى مەخسۇس دوكلات قىلىندى ھەمدە سىجىل تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەت ئويلىنىشى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى ياڭ شياۋچاۋ بەرگەن ئايرىم ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.
يىغىندا يەنە ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە ۋەزىپىدىن قالدۇرۇشقا ئالاقىدار لايىھە قاراپ چىقىلدى.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرى لى خۇڭجۇڭ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، شياۋ جيې، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، خې ۋېي، ۋۇ ۋېيخۇا، تيې نىڭ، پېڭ چىڭخۇا، جاڭ چىڭۋېي، لوساڭ جياڭسۈن، شۆھرەت زاكىر، باش كاتىپ ليۇ چى يىغىنغا قاتناشتى.
گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خې لىفېڭ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ جۈن، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى يىڭ يۇڭ، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىدىكى مەسئۇل يولداشلار، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىدىكى بىر قىسىم ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بىر قىسىم ۋەكىللىرى، ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.