جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى

ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە ئىقتىساد خىزمىتى تەھلىل قىلىندى، مۇھاكىمە قىلىندى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2025.04.27 11:51 مەنبە: خەلق تورى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 4 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى يىغىن ئېچىپ، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە ئىقتىساد خىزمىتىنى تەھلىل قىلدى، مۇھاكىمە قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق قارالدى: بۇ يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكنى كۈچەيتتى، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، تۈرلۈك ماكرولۇق سىياسەتلەر بىلەن ماسلىشىپ كۈچىدى، ئىقتىسادتا ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى، جەمئىيەت ئىشەنچى سىجىل ئاشتى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىدە مۇقىملىق ساقلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ سىجىل قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىش ئاساسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەشكە توغرا كېلىدۇ، تاشقى زەربىنىڭ تەسىرى زورايدى. تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، دەسلەپكى لايىھەنى تولۇق تەييارلاپ، ئىقتىساد خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، دۆلەت ئىچى ئىقتىساد خىزمىتى ۋە خەلقئارا ئىقتىساد ـ سودا كۈرىشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، كارخانىنى مۇقىملاشتۇرۇش، بازارنى مۇقىملاشتۇرۇش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا كۈچەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى ئېنىقلىق ئارقىلىق تاشقى مۇھىتتىكى كەسكىن ئۆزگىرىۋاتقان ئېنىقسىزلىققا تاقابىل تۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: تېخىمۇ ئاكتىپ، ئۈنۈملۈك بولغان ماكرولۇق سىياسەتنى تېزدىن يولغا قويۇپ، تېخىمۇ ئاكتىپ بولغان مالىيە سىياسىتى ۋە مۇۋاپىق كەڭ قويۇۋېتىلگەن پۇل سىياسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىش، تولۇق پايدىلىنىش كېرەك. يەرلىك ھۆكۈمەت مەخسۇس زايومى، ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزاق مەزگىللىك ئالاھىدە زايوم قاتارلىقلارنى تارقىتىش ۋە ئىشلىتىشنى تېزلىتىش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ «ئۈچ كاپالەت» تۆۋەن چېكىنى پۇختا ساقلاش كېرەك. مۇۋاپىق پەيتتە تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، يۆتكىلىشچانلىقنىڭ يېتەرلىك بولۇشىنى ساقلاپ، ئەمەلىي ئىقتىسادقا كۈچەپ مەدەت بېرىش كېرەك. يېڭى قۇرۇلما خاراكتېرلىك پۇل سىياسىتى قورالىنى بەرپا قىلىپ، يېڭى تىپتىكى سىياسەت خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە قورالىنى تەسىس قىلىپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىستېمالنى كېڭەيتىش، تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش قاتارلىقلارنى قوللاش كېرەك. سىياسەت يۆنىلىشىنىڭ بىردەكلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئوتتۇرا، تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەر توپىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، مۇلازىمەت ئىستېمالىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا بولغان تۈرتكىلىك رولىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىستېمال ساھەسىدىكى چەكلەش خاراكتېرلىك تەدبىرلەرنى تېزدىن ئېنىقلاپ، مۇلازىمەت ئىستېمالى ۋە كۈتۈنۈش تەكرار قەرزى تەسىس قىلىش كېرەك. مەبلەغ جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، دائىرىنى كېڭەيتىپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ «ئىككىنى يېڭىلاش» سىياسىتىنى يولغا قويۇش، «ئىككى مۇھىم» قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ يولغا قويۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ قىيىنچىلىقى بار كارخانىلارغا يار ـ يۆلەك بولۇش كېرەك. مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى قوللاشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىچكى ـ تاشقى سودىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىش كېرەك. يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن بىر تۈركۈم تۈۋرۈك كەسىپلەرنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشقا سىجىل كۈچەپ، زايوم بازىرىنىڭ «پەن ـ تېخنىكا بۆلىكى»نى ئىجادىي ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +» ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىش كېرەك. نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئۆلچەم ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، رىقابەت تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئىسلاھات ـ ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش چارىسىدىن پايدىلىنىپ تەرەققىيات داۋامىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، كارخانىلارغا ئالاقىدار قانۇن ئىجرا قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇش كېرەك. مۇلازىمەت كەسپىدە ئېچىۋېتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش سىياسەت سالمىقىنى زورايتىپ، كارخانىلارغا قارىتىلغان «سىرتقا چىقىرىش» مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە كۆپ تەرەپچىلىكنى پائال قوغداپ، يەككە تەرەپلىك زومىگەرلىك قىلمىشىغا قارشى تۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشكە سىجىل كۈچەش كېرەك. يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قەرزنى تۈگىتىشىگە دائىر بىر يۈرۈش سىياسەتلەرنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەت كارخانىلارنىڭ پۇلىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. شەھەر يېڭىلاش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، شەھەر ئىچىدىكى كەنتلەر ۋە خەتەرلىك، كونا ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىشنى كۈچلۈك ۋە تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئۆي ـ زېمىن تەرەققىياتى يېڭى ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرالغۇ تەمىناتىنى زورايتىپ، ساقلانما تاۋار ئۆيلەرنى سېتىۋېلىش سىياسىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئۆي ـ زېمىن بازىرىنىڭ مۇقىم بولۇش ۋەزىيىتىنى سىجىل مۇستەھكەملەش كېرەك. كاپىتال بازىرىنى سىجىل مۇقىملاشتۇرۇش ۋە جانلاندۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. تاموژنا بېجىنىڭ تەسىرىگە بىرقەدەر زور ئۇچرىغان كارخانىلارغا قارىتا، ئىشسىزلىق سۇغۇرتا فوندىنى ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش بويىچە قايتۇرۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. قاتلامغا، تۈرگە ئايرىلغان جەمئىيەت قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى كۈچەيتىپ، ئاشلىق قاتارلىق مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى سىجىل ياخشى تۇتۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش سىياسەت قورال ساندۇقىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بەلگىلەنگەن سىياسەتلەرنى بالدۇر ئېلان قىلىپ، بالدۇر ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، ۋەزىيەت ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن كۆپەيمە، زاپاس سىياسەتلەرنى ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئادەتتىن تاشقىرى تەتۈر دەۋرىيلىك تەڭشەشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنىڭ ئاساسىي تەرىپىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇستەھكەملەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشكە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش ـ تەربىيەسىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ