شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن كېيىن سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدا 20 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى بىر ئەۋلاد سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان يېڭى ۋەزىيەت ئالدىدا، يېڭىچە پۈتۈن دۆلەت كۈچىنى ئىشقا سېلىش تۈزۈلمىسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي قوللىنىش يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دۆلىتىمىزدە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ پايدىلىق، بىخەتەر، ئادىل يۆنىلىشكە قاراپ ساغلام، تەرتىپلىك تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
شىئەن قاتناش داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى يولداش جېڭ نەننىڭ بۇ مەسىلە توغرىسىدا چۈشەندۈرۈش بەردى، خىزمەت تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم مۇزاكىرە قىلدى.
شى جىنپىڭ چۈشەندۈرۈش ۋە مۇزاكىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئىسلاھاتىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك تېخنىكا بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىنسانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتتى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى كۈچەيتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنىڭ ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاساسىي نەزەرىيە، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا قاتارلىق جەھەتلەردە يەنە كەمتۈكلۈكلەر، ئاجىز تۈرلەر مەۋجۇت. پەرقلەرگە توغرا قاراپ، ھەسسىلەپ تىرىشىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش، كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە كۈچ قوشۇش - قوللىنىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىشتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلەش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ساھەسىدە پۇرسەتنى ئىگىلەش، ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشتە، جەزمەن ئاساسىي نەزەرىيە، ئۇسۇل، قورال قاتارلىق جەھەتلەردە بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك. ئۇل تەتقىقاتنى سىجىل كۈچەيتىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆزەك، ئۇل يۇمشاق دېتال قاتارلىق يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۆز ئالدىغا تىزگىنلىگىلى بولىدىغان، ماسلاشتۇرۇپ يۈرۈشتۈرگىلى بولىدىغان سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئۇل يۇمشاق - قاتتىق دېتال سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئارقىلىق پەن تەتقىقات ئۆلچەملىك شەكىل ئىسلاھاتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەردە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دۆلىتىمىزنىڭ سانلىق مەلۇمات بايلىقى مول، كەسىپ سىستېمىسى مۇكەممەل، ئەمەلىي قوللىنىلىش دائىرىسى كەڭ، بازار بوشلۇقى غايەت زور. سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، كارخانىلار يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات، قوللىنىش بويىچە ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ قوشۇپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر ۋە كەلگۈسى كەسىپلەر تەرەققىيات يېڭى مۇسابىقە يولىنى ئېچىش كېرەك. ھېسابلاش ئىقتىدارى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، سانلىق مەلۇمات بايلىقى بويىچە ئېچىش - پايدىلىنىش ۋە ئوچۇق ھەمبەھرىلىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار يېڭى تېخنىكا، يېڭى ساھە بولۇش سۈپىتى بىلەن، سىياسەت جەھەتتىن قوللاش ئىنتايىن مۇھىم. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى، مالىيە باج كىرىمى، ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش، ئەسلىھەلەرنى ئېچىۋېتىش قاتارلىق سىياسەتلەردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، پەن - تېخنىكا، پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار پۈتۈن ئوقۇش باسقۇچى مائارىپى ۋە پۈتۈن جەمئىيەت ئومۇمىي بىلىم مائارىپىنى ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى ساپالىق ئىختىساسلىقلارنى ئۈزلۈكسىز يېتىشتۈرۈش كېرەك. سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار پەن تەتقىقاتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، كەسىپ جەھەتتىن قوللاش ۋە ئىختىساسلىقلارنى باھالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنىڭ تالانتىنى نامايان قىلىشىغا سۇپا ھازىرلاپ بېرىش، شارائىت يارىتىپ بېرىش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار مىسلىسىز تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى، شۇنداقلا مىسلىسىز خەۋپ - خەتەر، خىرىس ئېلىپ كەلدى. سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى ۋە قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، ئالاقىدار قانۇن - نىزام، سىياسەت - تۈزۈم، ئەمەلىي قوللىنىش قائىدىسى، ئەخلاق مىزانى تۈزۈش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، تېخنىكىلىق تەكشۈرۈپ بېكىتىش، خەۋپ - خەتەردىن ئالدىن سىگنال بېرىش، جىددىي تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئىنكاس قايتۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ بىخەتەر، ئىشەنچلىك، تىزگىنلىگىلى بولىدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىدىغان خەلقئارا ئاممىۋى مەھسۇلات بولالايدۇ. سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار خەلقئارا ھەمكارلىقىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تېخنىكا ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىگە ياردەم بېرىپ، يەرشارىۋى ئەقلىي ئىقتىدار ھاڭىنى تۈگىتىش ئۈچۈن جۇڭگو تۆھپىسىنى قوشۇش كېرەك. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، ئىدارە قىلىش قائىدىسى، تېخنىكا ئۆلچىمىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، كەڭ ئورتاق تونۇشقا ئىگە دۇنياۋى ئىدارە قىلىش رامكىسى ۋە ئۆلچىمى، قائىدىسىنى بالدۇرراق شەكىللەندۈرۈش كېرەك.