4 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن كېنىيە زۇڭتۇڭى رۇتو بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن رۇتو ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى رىچىل بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى
4 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن كېنىيە زۇڭتۇڭى رۇتو بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى سىرتىدىكى مەيداندا رۇتو ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يۆ يۆۋېي فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار دۇڭ شۆ، شاۋ يىبو) 4 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن كېنىيە زۇڭتۇڭى رۇتو بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئورۇن بېكىتمىسىنى يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - كېنىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە كۆتۈرۈشكە بىردەك قوشۇلدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 62 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو - كېنىيە ئىككى تەرەپ باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، بىر - بىرىنى قوللاپ، جۇڭگو - ئافرىقا دوستانە ھەمكارلىق روھى ۋە يىپەك يولى روھىغا ۋارىسلىق قىلدى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى. جۇڭگو - كېنىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - كېنىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە كۆتۈرۈلۈشى ئىككى تەرەپنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى. جۇڭگو تەرەپ كېنىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، تارىخ ئېقىمى ۋە دەۋر ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىپ، يېڭى دەۋردىكى دائىملىق جۇڭگو - ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئۈلگىسىنى بەرپا قىلىپ، جۇڭگو - ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىش، «يەرشارىدىكىلەر جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش»تىكى داغدام يول، توغرا يول. جۇڭگو - كېنىيە ئىككى تەرەپ داۋاملىق بىر - بىرىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغدىغانلىقىنى قەتئىي قوللاپ، بىر - بىرىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى قەتئىي قوللاپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدىكى سەپەرداشلار ۋە ھەقىقىي دوستلاردىن بولۇشى كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ يارقىن نام كارتىسى، سىياسەت جەھەتتە دائىملاشقان پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل سودىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ خىللاشقان مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، خەلق قەلبىنى تۇتاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ يېتەكلىگۈچىلىرىدىن بولۇش كېرەك. جۇڭگونىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازىرىنىڭ دەرۋازىسى باشتىن - ئاخىر كېنىيەنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىغا كەڭ ئېچىۋېتىلگەن، جۇڭگو تەرەپ ئەمەلىي كۈچى بار تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنى كېنىيەگە بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ. يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ مۇھىم ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو - كېنىيە ئىككى دۆلەت ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېمىنى قەتئىي قوغداپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت دۇنياۋى ئىدارە قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى، دۇنيانىڭ تىنچلىق، خەۋپسىزلىك، گۈللىنىش، ئالغا ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت پارلاق كەلگۈسىگە يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مەيلى خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگونىڭ ئافرىقىغا قاراتقان چىن، ئەمەلىي، يېقىن، سەمىمىي بولغان سىياسەت قوللىنىش ئىدىيەسى ئۆزگەرمەيدۇ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇش، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش ئەسلىي مەقسىتى ئۆزگەرمەيدۇ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش تۈپ ئاساسىي مەقسىتى ئۆزگەرمەيدۇ. جۇڭگو گېپىدە تۇرىدۇ، دېگىنىگە ئەمەل قىلىدۇ، كېنىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى نەتىجىلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ دەسلەپكى نەتىجىلەرنى شەكىللەندۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئافرىقا خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ بىرلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشتىن ئىبارەت دەۋر كۈچلۈك ساداسىنى داۋاملىق ياڭرىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىقى ئارقىلىق يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ ھەمكارلىقىغا يېتەكچىلىك قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: تاموژنا بېجى ئۇرۇشى، سودا ئۇرۇشىدا يەڭگۈچى بولمايدۇ. جۇڭگو ئىش تېرىمايدۇ ھەم ھېچ ئىشتىن قورقمايدۇ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىش ئارقىلىق تۈرلۈك خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ يوللۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداشنى، خەلقئارا سودا قائىدىسىنى قوغداشنى، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداشنى خالايدۇ.
رۇتو مۇنداق بىلدۈردى: كېنىيە بىلەن جۇڭگو باشتىن - ئاخىر سەمىمىي مۇئامىلە قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇردى، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ ئورتاق نىشانى بار، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ، دائىملىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھلار. كېنىيە تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، تەيۋەننىڭ جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرىدۇ. كېنىيە تەرەپ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ كېنىيەنىڭ ئۇل ئەسلىھە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، تەبىئىي ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە تەمىنلىگەن خالىس ياردىمىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، مومباسا - نايروبى تۆمۈريولى قاتارلىق «بىر بەلباغ، بىر يول» تۈرلىرى كېنىيەنىڭ دۆلەت تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى. كېنىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئۇدۇللاشتۇرۇپ، سودا، سېلىنما، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، پەن - تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، مائارىپ، مەدەنىيەت، ساياھەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ كەلگۈسىنى بىر - بىرىگە تېخىمۇ زىچ باغلاشنى خالايدۇ. جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىقى ئافرىقىنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا پايدىلىق، كېنىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن زىچ ماسلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى خالايدۇ. سودا ئۇرۇشى ھازىرقى خەلقئارا قائىدە ۋە تەرتىپكە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. كېنىيە تەرەپ جۇڭگونىڭ ھازىرقى داۋالغۇش بولۇۋاتقان ۋەزىيەتتە مۇقىملاشتۇرغۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ يوللۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدىغانلىقىنى تەرىپلەيدۇ. كېنىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى ئەمەلدە كۆرسىتىشنى خالايدۇ.
سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئىقتىساد - سودا، ئاخبارات - تاراتقۇ قاتارلىق ساھەلەردىكى 20 تۈرلۈك ھەمكارلىق ھۆججىتىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.
ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن كېنىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى دائىملىق جۇڭگو - ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئۈلگىسى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلدى.
سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى سىرتىدىكى مەيداندا رۇتو ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى رىچىل ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
رۇتو يېتىپ كەلگەندە، مۇراسىم ئەسكەرلىرى سەپ تۈزۈپ ھۆرمەت بىلدۈردى. شى جىنپىڭ بىلەن رۇتو پارات مۇنبىرىگە چىقتى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو ۋە كېنىيە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى، تيەنئەنمېن مەيدانىدا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى. رۇتو شى جىنپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ھۆرمەت قاراۋۇلى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى.
شۇ كۈنى چۈشتە، شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا رۇتو ئەر - خوتۇن ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.
ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.