شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش، ئائىلە تەۋەلىرىگە ئېتىبار بېرىش، ھۆكۈمەتنى ھىمايە قىلىش، خەلقنى سۆيۈش پارتىيەمىز، ئارمىيەمىز، دۆلىتىمىز خەلقىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە ئۆزىگە خاس سىياسىي ئەۋزەللىكى. يېڭى مۇساپىدە، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت قىسىم قۇرۇلۇشى ۋە ئىسلاھاتىغا كۆڭۈل بۆلۈشى، قوللىشى، تەشەببۇسكارلىق بىلەن كەڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى تۈگىتىشى، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دۆلەت مۇداپىئەسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئارمىيەنى قىزغىن سۆيىدىغان، ھەربىيلەرنى ھۆرمەتلەيدىغان ياخشى جەمئىيەت كەيپىياتى يارىتىشى كېرەك. ئارمىيە ئاساسىي مەقسەت ئېڭىنى مەھكەم تۇرغۇزۇپ، يەرلىكنىڭ قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتىغا پائال ياردەم بېرىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق خەلققە بەخت يارىتىدىغان پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشى كېرەك. ئارمىيە بىلەن يەرلىك ئىككى تەرەپ زىچ ھەمكارلىشىپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئۇيۇل تاشتەك مەزمۇت ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، خەلقىمىزنى سۆيۈش، ئارمىيەمىزنى سۆيۈش دەۋر يېڭى سەھىپىسىنى بىرلىكتە داۋاملىق پۈتۈپ چىقىشى كېرەك.
مەملىكەتلىك ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى نەمۇنىلىك شەھەر (ناھىيە)لەرگە نام بېرىش يىغىنى 4 - ئاينىڭ 23 - كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى يەتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى چياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
لى چياڭ سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە مۇھىم يوليورۇقى پارتىيەنىڭ ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىشتىكى تارىخىي تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەش ۋە نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسى بولۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. بىز قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك.
لى چياڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئارمىيە بىلەن يەرلىكتىكى ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بىرلىكتە تىرىشىشى ئارقىلىق، ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتىدە پائال ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئالاقىدار قانۇن - نىزام سىستېمىسى تېخىمۇ تاكامۇللاشتى، جەمئىيەتتىكى ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش تەشكىلاتلىرى ۋە مۇلازىمەت تورى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى، پۈتۈن ئارمىيەدىكى قىسىملار نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋە چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش، مۇستەھكەملەش قاتارلىق مۇھىم ئىستراتېگىيەلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، خەتەردىن، ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇش، چياۋمىنلارنى قايتۇرۇپ كېلىشكە كاپالەتلىك قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداش، تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى قالتىس تاماملىدى. ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىل قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىل. ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتى ئارمىيە بىلەن يەرلىكنى باغلايدىغان، ئارمىيە بىلەن خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغان بولۇپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئارمىيە بىلەن يەرلىكنى قوش يۆنىلىشلىك قوللاشتىن ئىبارەت ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ قوشۇشى كېرەك.
لى چياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار دۆلەت مۇداپىئە ئېڭى ۋە ئومۇملۇق قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، دىققەتنى ئارمىيە قۇرۇلۇشى ۋە ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بايلىقنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ ھەمكارلىشىشىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك. خىزمەت ئۆتەۋاتقان ھەربىيلەر بىلەن ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەرنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىنى بىرتۇتاش ئويلىشىپ، مۇلازىمەت، كاپالەت تەدبىرلىرىنىڭ دەللىكىنى ئۆستۈرۈپ، ھەربىيلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان پەرزەنتلىرىنى تەربىيەلەش، ئائىلە تەۋەلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئاتا - ئانىلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ياردەم بېرىپ، ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش، نەپىقە، ئېتىبار بېرىش ۋە قىيىنچىلىقى بارلارغا يار - يۆلەك بولۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئارمىيەنىڭ مەۋقەنى ئۆز ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، يەرلىككە يار - يۆلەك بولۇشنى كۈچەيتىش، تىنچلىق، مۇقىملىقنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللاش كېرەك. ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش داۋامىدا ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، تەشكىلىي رەھبەرلىك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىككىنى ھىمايە قىلىش بويىچە نەمۇنە بەرپا قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككىنى ھىمايە قىلىش جەمئىيەت ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
يىغىندا مەملىكەتلىك ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى نەمۇنىلىك شەھەر (ناھىيە)لەرگە نام بېرىش توغرىسىدىكى قارار ئوقۇپ ئۆتۈلدى ھەم مەملىكەتلىك ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى نەمۇنىلىك شەھەر (ناھىيە)لەر ۋەكىللىرىگە تەقدىرنامە تارقىتىپ بېرىلدى. ئارمىيە، يەرلىكنىڭ ئالاقىدار ۋەكىللىرى سۆز قىلدى.
شى تەيفېڭ، لى شۇلېي، جاڭ يوۋشيا، ۋاڭ دۇڭمىڭ، ۋۇ جېڭلۇڭ، شېن يۆيۆ يىغىنغا قاتناشتى. شېن يىچىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
نام بېرىلگەن مەملىكەتلىك ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى نەمۇنىلىك شەھەر (ناھىيە)لەر ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ھەم ئىككىنى ھىمايە قىلىش ئىشخانىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.