شى جىنپىڭ كىلىمات ۋە ئادىل تىپ ئۆزگەرتىش رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىدا سۆز قىلدى

2025.04.24 14:15 مەنبە: خەلق تورى

4 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كىلىمات ۋە ئادىل تىپ ئۆزگەرتىش رەھبەرلىرى سىنلىق باشلىقلار يىغىنىدا سۆز قىلدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى 4 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كىلىمات ۋە ئادىل تىپ ئۆزگەرتىش رەھبەرلىرى سىنلىق باشلىقلار يىغىنىدا سۆز قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل «پارىژ كېلىشىمى» ھاسىل قىلىنغانلىقىنىڭ ئون يىللىقى، شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى. ھازىر دۇنيادا يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى يېڭى تۆت كوچا ئېغىزىغا كەلدى. گەرچە ئايرىم چوڭ دۆلەتلەر يەككە تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىققا بېرىلىپ، خەلقئارا قائىدە ۋە خەلقئارا تەرتىپكە ئېغىر زەربە بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن تارىخ ھامان ئەگرى - توقايلىق ئىچىدە ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ. ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتكەندىلا، چوقۇم تەتۈر ئېقىمنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، يەرشارى كىلىماتىنى تۈزەش ۋە دۇنيادىكى بارلىق تەرەققىيات ئىشلىرىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ.

بىرىنچى، كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما، خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قەتئىي قوغداپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قەتئىي قوغداش كېرەك. قانۇنچىللىق روھىغا ئەمەل قىلىپ، لەۋزىدە تۇرۇپ، ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى كۆزلەپ، كۆپ تەرەپتىن تۈزەش ئارقىلىق كىلىمات كىرىزىسىگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇش كېرەك.

ئىككىنچى، خەلقئارا ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ئېچىۋېتىش، سىغدۇرۇشچان بولۇش ئارقىلىق ئارازلىق ۋە توقۇنۇشتىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ھەمكارلىشىش ئارقىلىق تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە كەسىپ ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەلا سۈپەتلىك يېشىل تېخنىكا ۋە مەھسۇلاتلارنى ئەركىن ئوبوروت قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى پايدىلانغىلى بولىدىغان، پايدىلىنالايدىغان، ياخشى پايدىلانغىلى بولىدىغان ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. جۇڭگو جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقىنى زور كۈچ بىلەن چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، باشقا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە قۇربىنىڭ يېتىشىچە داۋاملىق ياردەم بېرىدۇ.

ئۈچىنچى، تىپنى ئادىل ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلىپ، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ياخشىلاش ۋە كىلىماتنى تۈزەشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، مۇھىتنى قوغداش، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىش ئورنى يارىتىش، نامراتلىقنى تۈگىتىش قاتارلىق كۆپ خىل نىشاننى بىرتۇتاش پىلانلاش كېرەك. تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ياردەم بېرىش ۋە ئۇلارنى قوللاش، يەرشارىۋى يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشكە كۈچ قوشۇش، ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش مەجبۇرىيىتى بار.

تۆتىنچى، ئەمەلىي ھەرىكەتنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەرقايسى تەرەپلەر ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئېنېرگىيە تىپىنى ئۆزگەرتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاش ئاساسىدا دۆلەتنىڭ ئۆز ئالدىغا تۆھپە قوشۇش ھەرىكەت پىروگراممىسىنى تۈزۈشى ۋە يولغا قويۇشى كېرەك. جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى بېيلۇن يىغىنىدىن بۇرۇن، پۈتكۈل ئىقتىساد دائىرىسىنى قاپلىغان، بارلىق پارنىك گازىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 2035 - يىل دۆلەت ئۆز ئالدىغا تۆھپە قوشۇش نىشانىنى ئېلان قىلىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى. جۇڭگو دۇنيا يېشىل تەرەققىياتىدىكى قەتئىي ھەرىكەت قىلغۇچى، مۇھىم تۆھپە قوشقۇچى، بەش يىل ئىلگىرى مەن كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش نىشانىنى ئېلان قىلغاندىن بۇيان، جۇڭگو يەرشارىدىكى ئەڭ چوڭ، تەرەققىياتى ئەڭ تېز بولغان ھاسىلىي ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، يەرشارى بويىچە ئەڭ چوڭ، ئەڭ مۇكەممەل يېڭى ئېنېرگىيە كەسىپ زەنجىرىنى بەرپا قىلىپ، يەرشارى يېشىللىق كۆلىمىنىڭ تۆتتىن بىر قىسىم يېڭىدىن كۆپىيىشىگە تۆھپە قوشتى. خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگونىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە پائال تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتى ئاستىلاپ قالمايدۇ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش تىرىشچانلىقى ئاجىزلاپ قالمايدۇ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئەمەلىيىتى توختاپ قالمايدۇ. جۇڭگو ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، ئورتاق ئەمما پەرقلىق مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، قۇربىنىڭ يېتىشىچە ئىش كۆرۈپ، ئىتتىپاقلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، پاكىز، گۈزەل، ئىمكانىيەتلىك سىجىل دۇنيانى ئورتاق قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ